Uyghur主要词典
قوبراق
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيىدىكى فېئوداللارغا بېقىندى دېھقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئازغىنە ئۈلۈشلۈك يېرى بولغان. ئەنگلىيە كورۇلى ۋىليام (ئىستېلاچى) 1086 - يىلى تۈزدۈرگەن <مەشھۇر گاھ>دا، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئورنىنى ۋىللان بىەن كەپىلىك دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا دەپ بەلگىلەنگەن. Ⅺ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئۇلار ئەنگلىيە دېھقانلىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلغان، كېيىن كۆپ قىسمى ۋىللانلارغا ئايلىنىپ كەتكەن.