Uyghur主要词典
قوڭالتاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاياغ كىيىم كىيمىگەن.
<قوڭالتاق> ئاياغ ئىچىگە پايپاق كەيمىگەن ياكى پايتىما ئورىمىغانغىمۇ ئېيتىلىدۇ.
تار ئۆتۈكتىن ساز يۈرۈش يالىڭاياغ، ئۆيدە غوۋغا بولسا، غۇربەت ياخشىراق. قوڭالتاققا قىڭغىر كەش.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
رەۋ. يالاڭ، ھېچقانداق بىر نەرسە يۆگىمەيلا، پايپاق ياكى پايتىمىسىزلا، يالىڭاچ ھالدا: ئۇ كالتا قونچلۇق ئۆتۈكىنى قوڭالتاقلا كىيىپ تالاغا يۈگۈردى.
ئى. ھېچقانداق ئىقتىسادىي كۈچى يوق، نامرات ئادەم، يالاڭ تۆش.
- بۇ خۇلاسە خاتا، - ھىمىت يەنە ئولتۇرالمىدى، - ھاشىم - پاشىم دەيدىغان قوڭالتاقلارنى ماڭا چېتىشقا بولمايدۇ.
سۈپ. ئىقتىدارسىز، يارامسىز.
- غادىيۋەرسەڭ، ساتتار چوڭ داداڭدەك قوڭالتاق باشلىق بولۇپ قالىسەن، - دېدى ئايال ھاسىراپ تۇرۇپ.