Uyghur主要词典
قىمىرلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جايىدىن قوزغالماي، ئاستا ھەرىكەتلەنمەك.
ياتقان ئاقىلدىن قىمىرلاۋاتقان نادان ياخشى. قىمىرلىغان قىر ئاشار. مىدىرلىغان كۆزدىن قورق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئاستا - ئاستا ھەرىكەت قىلماق، مىدىرلىماق، تەۋرەنمەك.
ھاكىمنىڭ چىرايى تۇتۇلدى، ئېڭەك گۆشلىرى سەل - پەل قىمىرلاپ كەتتى.
جايىدىن قوزغالماق، سىلجىماق.
بەختىخان ئازراق كۈتۈپ باققان بولسىمۇ، ئوغلى ئالىم ئولتۇرغان جايىدىن قىمىرلاپمۇ قويمىدى.