Uyghur←Chinese主要词典
قىمارۋازلىق جىنايىتى
جامائەت خەۋپسىزلىكى,قانۇنشۇناسلىق
赌博罪
dǔ bó zuì
جىنايەت ۋە جازا
赌博罪
dǔ bó zuì
بۇ - پايدا تېپىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، قىمارخانا ئاچقان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلىۋالغان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - جەمئىيەتنى باشقۇرۇش تەرتىپى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە قىلمىش سادىر قىلغۇچى توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، قىمارخانا ئاچقان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلىۋالغان قىلمىش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت بولىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن بولغان ھەمدە پايدا تېپىشنى مەقسەت قىلغان بولىدۇ.
303 - ماددا پايدا تېپىش مەقسىتىدە توپلىشىپ قىمار ئوينىغان، قىمارخانا ئاچقان ياكى قىمارنى كەسىپ قىلىۋالغانلارغا ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ توزاق قۇرۇپ ئالداپ باشقىلارنى قىمار ئويناشقا قاتناشتۇرۇش، يەنە كېلىپ پۇل - بېساتىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولغان ئالدانغۇچىلارغا زورلۇق ئىشلىتىش ياكى تەھدىت سېلىش قىلمىشىغا قانداق جىنايەت بېكىتىش مەسىلىسى توغرىسىدىكى تەستىق جاۋابى
(1995 - يىل 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى) س ج[1995] 8 - نومۇرلۇق
توزاق قۇرۇپ ئالداپ باشقىلارنى قىمار ئويناشقا قاتناشتۇرۇپ پۇل - بېساتقا ئېرىشكەنلەردىن قىمارۋازلىق جىنايىتى شەكىللەندۈرگەنلەرنى قىمارۋازلىق جىنايىتى بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك. قىمار ئوينىغۇچى ئالدانغانلىقىنى بىلىپ ئۇتتۇرۇۋەتكەن پۇل - بېساتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، قىمار ئۇيۇشتۇرغۇچى يەنە زورلۇق قىلىپ تەھدىت سېلىش قايتۇرمىغان بولسا، قىمارۋازلىق جىنايىتى بويىچە ئېغىر جازالاش كېرەك؛ قىمار ئوينىغۇچى زەخىملەنگەن ياكى ئۆلگەن بولسا، قىمارۋازلىق جىنايىتى ۋە قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى ياكى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بويىچە، قانۇنغا ئاساسەن بىر قانچە جىنايىتىنى قوشۇپ جازالاش كېرەك.