Uyghur←Chinese主要词典
قىلتىرىقلىق مېۋە
بىئولوگىيە
颍果
yǐngguǒ
يېپىق مېۋىنىڭ بىرخىلى. ئىچىدە بىر تال ئۇرۇق بولىدۇ، پىشقاندا مېۋە پوستى بىلەن ئۇرۇق پوستى بىرلىشىپ پەردىسىمان ھالەتكە كېلىدۇ. بۇ باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەردە ئالاھىدە بولىدۇ. مەسىلەن، بۇغداي دانىچىسىنىڭ سىرتىدىكى پەردىسىمان تۈزۈلۈش مېۋە پوستى بىلەن ئۇرۇق پوستىنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ، شۇڭا ئۇ بىردانە ئۇرۇق بولماستىن بەلكى بىر دانە قىلتىرىقلىق مېۋە بولىدۇ. ئاقلانمىغان گۈرۈچمۇ قىلتىرىقلىق مېۋىگە كىرىدۇ.