Uyghur主要词典
قېلىن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارىلىققا قارىتا: بەك يېقىن، بوشلۇق يوق، قىستا - قىستاڭ.
زىرائەتنى مۇۋاپىق زىچ تېرىش لازىم. مىللەتلەرنىڭ زىچ ئىتتىپاقلىقى ئىشىمىزنىڭ كاپالىتى. قېلىن ئورماندا ئاداشماي دېسەڭ، خىيالدىن خالىي بول. قوناق بەك قويۇق بولسا، بېشى ئۇششاق بولۇپ قالىدۇ. قويۇق تۇمان بۆرىنىڭ تويى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئار - نومۇسىنى، ئىزا - ھايانى بىلمەيدىغان.
<گەكىسى> ئىلى شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
<گەلۋۈر> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
نومۇسسىز خوتۇن - تۇزسىز ئاش. يىگىت يارسىز بولماس، ئەل ئارسىز بولماس. ئۇياتسىزنىڭ تىلى مىڭ غۇلاچ. يۈزسىز مۈشۈككە قازناقنىڭ ئىشكى ئوچۇق. پۇلنىڭ كۆزى يوق، بېخىلنىڭ يۈزى يوق. يۈزى پولۇغا پولۇ بەرمە. ئۇ ئىزا دېگەننى بىلمەيدۇ، يۈزى ئابدۇخالىقنىڭ چەمىدىنمۇ قېلىن. داپ يۈزنىڭ يۈزىگە قارىما. يۈزى قېلىننىڭ يۈزىگە يىڭنە ئۆتمەيدۇ. 9 قېلىن كىشى قىيامەتنى بىلمەيدۇ. بىھايادىن يىراق قاچ. ھاياسىز دوستلۇققا يارىماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئارىلىق زىچ، ئورۇن كىچىك سانجىق ھالەت. قويۇق قوناق
شالاڭ، تارقاق
ئارىلىق زىچ ئەمەس، ئورۇن چوڭ، سان ئاز ھالەت. شالاڭ قوناق
شالاڭ ئاش باش كۆرسىتىدۇ. قويۇق ئاش چەش. شالاڭ چاچقاندىن قويۇق چاچقان يامان. شالاڭ زىرائەت ئاتقا مىندۈرەر، قېلىن زىرائەت قىرغا. قېلىن تۇمان - بۆرىنىڭ توپى. تارقاق قوناقنىڭ بېشى چوڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئار - نومۇس، شەرم - ھايانى بىلمەيدىغان.
نومۇسچان، ئۇياتچان، ئۇياتلىق، نومۇسلۇق ، ئار - نومۇسلۇق ، ھايالىق، شەرم - ھايالىق، تارتىنچاق، يۈزى تۆۋەن
ئار - نومۇس، شەرم - ھايانى بىلىدىغان.
نومۇسسىز قولۇم ئىشلىدى، نومۇسچان يۈزۈم ئۇيالدى. ئۇياتچان ئادەم سەۋرچان كېلىدۇ. نومۇسسىزنىڭ قىلغىنىغا ئۇياتاننىڭ يۈزى قىزىرىدۇ. ئۇياتلىق ئىش - ئۇلۇغ ئىش. نومۇسلۇق - ئابرۇيلۇق. ئار - نومۇسلۇق كىشى ئۇلۇغ مەرتىۋىگە ئېرىشىدۇ. ھايالىق بول، ھۈرمەت تاپ. شەرم - ھايالىق قىز - ئاتا - ئانىسىنىڭ بەختى، ئىززەت - ھۈرمىتى. تارتىنچاق ئاچ قالىدۇ. يۈزى تۆۋەن يۈز تاپىدۇ. نومۇسسىز خوتۇن - تۇزسىز ئاش. يىگىت يارسىز بولماس، ئەل ئارىسىز. ئۇياتسىزنىڭ تىلى مىڭ غۇلاچ. ئېگىز تاغ قارسىز بولماس، مەرد يىگىت ئارىسىز بولماس. ئۇياتسىز مۈشۈككە قازناقنىڭ ئىشىكى دائىم ئوچۇق. يۈزسىز خوتۇن ئېرىنى يەرگە قارىتىدۇ. قېلىن قىيامەتتىن قورقمايدۇ. يۈزى قېلىننىڭ يۈزىگە قارىما. پۇلنىڭ كۆزى يوق، بېخىلنىڭ يۈزى. ھاياسىز يالغانغا ئېجىل. بىھايادا ئىمان يوق. داپشاق يىگىت - قاشاق يىگىت. داپ يۈزنىڭ يۈزىگە يىڭنە ئۆتمەيدۇ. شەرمەندە شەرم - ھايانى بىلمەيدۇ. ئۇ ئىزانى بىلمەيدۇ، يۈزى ئابدۇخالىقنىڭ چەمىدىنمۇ قېلىن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
توم (نېپىزنىڭ ئەكسى).
قېلىن قار، قېلىن تام.
كۆچمە. قاتمۇ - قات؛ نۇرغۇن، كۆپ.
گۈلقىز راجى بالا بىلەن قېلىن تاغلارنىڭ ئىچىگە قاراپ قاچتى.
كۆچمە. گەپ تەسىر قىلمايدىغان، ئىزا تارتمايدىغان، بېزەڭ، داپشاق، داپ يۈز.
قېلىن ئادەم.
بىر - بىرىگە ناھايىتى يېقىن جايلاشقان، زىچ، قويۇق.
قېلىن توغراقلىق. قېلىن دەرەخ.
ئۇلار شۇنداق قىلىپ دەرەخ، قۇمۇش قېلىن ئۆسكەن يەرگە مۆكۈۋېلىشتى.
كۆچمە. يېقىن مۇناسىۋەتتە بولىدىغان، جانىجان، قەدىردان.
مۇناسىۋىتى قېلىن.
ھازىر بىزقېلىن دوست بولۇپ كەتتۇق.