Uyghur主要词典
قىلىچۋازلىق
جۇڭگو چامباشچىلىقى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرى
قىلىچ چامباشلىق قوراللىرى ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر خىلى بولۇپ،18 خىل قورال ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. قىلىچنىڭ خىللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇزۇن دەستىلىك ئادەتتىكى قىلىچ، ئۇزۇن دەستىلىك چوڭ قىلىچ، قىسقا قىلىچ، قوش قىلىچ، يەنە ئالاھىدە شەكىلدىكى قىلىچلارمۇ بار. مەسىلەن، ئۈچ ئۇچلۇق ئىككى بىسلىق قىلىچ، مۈڭگۈزسىمان قوش قىلىچ دېگەندەك.
قىلىچنىڭ تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئۇنىڭ مەشىقلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەزمۇنى ئىنتايىن مول، ئومۇمەن بىر خىل مۇشتۋازلىققا بىر خىل قىلىچۋازلىق توغرا كېلىدۇ. دائىم ئۇچرايدىغانلىرىدىن تەيجى قىلىچى، ليۇخې قىلىچى، مېيخۇا قىلىچى، جۇيفېڭ قىلىچى قاتارلىقلار بار. ھەر خىل قىلىچۋازلىقلاردىكى ماھارەت، ئۇسلۇبلار ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما ھەممىسى كەسكىن، كۈچلۈك، شىددەتلىك، چاققان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. چامباشلىقتا «قىلىچ خۇددى يولۋاستۇر» دېگەن تەمسىل بار.
تەنتەربىيە تۈرلىرى
قىلىچۋازلىق بىر تۈرلۈك يەككىلەرنىڭ قارشىلاشما تەنتەربىيە ھەرىكىتى. تەنھەرىكەتچى قىلىچۋازلىق كىيىمى ۋە قوغدانغۇچى بىلەن جابدۇنۇپ، بىر قولىغا قىلىچ ئېلىپ، ئۇزۇنلۇقى14 مېتىر، كەڭلىكى ئىككى مېتىرلىق قىلىچۋازلىق سەھنىسىدە ئۆزئارا قىلىچ سانجىپ ئېلىشىدۇ. بەدەننىڭ ئۈنۈملۈك يېرىگە بىر قېتىم قىلىچ تەگكۈزسە، بىر قىلىچ سانجىغان ھېسابلىنىدۇ.
قىلىچۋازلىقنىڭ خەلقئارا مۇسابىقە تۈرلىرىدىن ئەر - ئاياللارنىڭ يەڭگىل قىلىچ، ئەرلەرنىڭ ئېغىر قىلىچى ۋە يان قىلىچ تۈرلىرى بولۇپ، ھەربىر قىلىچ خىلىنىڭ يەككە ۋە كوللېكتىپ مۇسابىقىسى بار. يەككىلەر مۇسابىقىسى ئايلانما، شاللاش تۈزۈمى بويىچە ياكى ئىككىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. كوللېكتىپ مۇسابىقە ھەربىر كوماندىدىكى تۆت ئادەم كوماندىلار ئارا ئايلىنىش تۈزۈمىدە ئېلىشىدۇ، نومۇر كەتكۈزۈپ قويغىنى كۆپ بولغانلار يېڭىلگەن ھېسابلىنىدۇ.1896
- يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، قىلىچۋازلىق رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن.1913 - يىلى خەلقئارا قىلىچۋازلىق بىرلەشمىسى پارىژدا قۇرۇلغان، باش ئورگىنى ئىتالىيىنىڭ مىلانو شەھىرىدە، ھازىر80 ئەزا دۆلەت بار. خەلقئارا قىلىچۋازلىق بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان ئاساسلىق خەلقئارا مۇسابىقىلەردىن دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە دۇنيا ياشلار لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بار.
نەچچە ئەسىردىن بۇيان، ياۋروپا ئىزچىل قىلىچۋازلىق ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلمەكتە. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قىلىچۋازلىق ھەرىكىتى بەش قىتئەگە تەرەققىي قىلغان. ئېلىمىزدە1953 - يىلى قىلىچۋازلىقتىن ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى،1956 - يىلى تۇنجى قېتىملىق مەملىكەت خاراكتېرلىك قىلىچۋازلىق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.1974 - يىلى ئېلىمىز خەلقئارا قىلىچۋازلىق بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدى.1984 - يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانژېلېس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن23 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئېلىمىز ماھىرى لۇەن جۇيجيې ئاياللارنىڭ يان قىلىچ تۈرىدە چېمپىيون بولغان. بۇ، ئېلىمىز تەنھەرىكەتچىسى ئېرىشكەن تۇنجى قىلىچۋازلىق دۇنيا چېمپىيونلۇقىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
<تەن> چامباشچىلىقنىڭ قىلىچ بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشىقى. قىلىچ خىللىرى تار يۈزلۈك قىلىچ، كەڭ يۈزلۈك قىلىچ، قىسقا قىلىچ قاتارلىق ھەرخىل بولىدۇ. قىلىچ ئۇرۇشتا چېپىش، كېسىش، قايرىش، سانجىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بولىدۇ.
قىلىچ ئىشلىتىش ئارقىلىق قىلىنىدىغان جەڭ.
تاغ باغرىدا قىلىچۋازلىق باشلىنىپ كەتتى.
قىلىچ ئىشلىتىش، خەنجەر ئۇرۇش ماھارىتى.
قىلىچۋازلىق قىلماق.
ئۇ قىلىچۋازلىقنى ياخشى كۆرەتتى.