Chinese→Uyghur主要词典
七星神
دۇنيا تارىخى
يەتتە يۇلتۇز ئىلاھى
قەدىمىي بابىلونلۇقلار مېسوپوتامىيە ۋادىسىدا تارقالغان رىۋايەتتىكى ئىلاھلارنى ئاسمان ھادىسىسىدىكى يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى كۆزىتىش بىلەن بىرلەشتۈرەتتى. ئۇلار جەمئىي يەتتە ئاساسلىق ئىسلاھنى ئىززەتلەيتتى. بىر ھەپتە ئىچىدىكى يەتتە كۈننىڭ ھەربىر كۈنىنى بىر ئىلاھ باشقۇرىدۇ (نۆۋەتچىلىك قىلىدۇ)، يەتتە كۈندە بىر ئايلىنىدۇ. يەنى: كۈن ئىلاھى شاماش يەكشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ ئاي ئىلاھى سىن دۈشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ مارس نىسروچ (جەڭ ئىلاھى) سەيشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ مېركۇرى نابۇ (ئەقىل ئىلاھى) چارشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ، يۇپىتېر ماردۇك (ھەممە ئىلاھنىڭ بېشى) پەيشەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ ۋېنېرا ئىستار (مۇھەببەت ئىلاھى) جۈمە كۈنىنى باشقۇرىدۇ؛ ساتورن نىنۇرتا (غەلىبە ئىلاھى) شەنبە كۈنىنى باشقۇرىدۇ دەپ قارايتتى. مانا بۇ كېيىنكى كۈنلەردە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ كېلىنىۋاتقان يەتتە كۈننى بىر ھەپتە قىلىشنىڭ مەنبەسى <ھەپتە> دېگەننىڭ ئەسلى مەنىسىنى يۇلتۇز كۈنى دېگەنلىك بولىدۇ.