Chinese→Uyghur主要词典
丘吉尔
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
qiū jí ěr
چۇرچىل
دۇنيا تارىخى
چېرچىلل
(1874 - 1965) ئەنگلىيە باش ۋەزىرى (1940 - 1945، 1951 - 1955). كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيىسى. ئاقسۆڭەك جەمەتىدىن. ساند ھۇرست ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1895 - 1900 - يىللىرى ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ، ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى ۋە ئەنگلىيە ـ بۇ ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1900 - يىلدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە لىبېرالىستلار پارتىيىسى ۋە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلىنىپ، مۇستەملىكىلەر ۋەزىرى، سودا ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى، دېڭىز ئارمىيىسى ۋەزىرى ۋە ھەربىي تەمىنات ۋەزىرى بولغان. 1918 - 1921 - يىللىرى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋە ھاۋا ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ تۇرغىنىدا سوۋېت روسىيىسىگە قارشى قوراللىق ئىغۋاگەرچىلىكنى پائال پىلانلىغان. كېيىن يەنە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەمىلكىلەر ۋەزىرى ۋە مالىيە ۋەزىرى بولغان. 1933-يىلى گىتلېر گېرمانىيىدە تەختكە چىققاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ گېرمانىيىنى چەكلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، چېمبېرلىننىڭ ماداراچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرغان. <ميۇنخېن كېلىشىمى> نى ئىمزالاشقا قارشى تۇرغان. 1939-يىلى ئەنگلىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقاندىن كېيىن يەنە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى بولغان. 1940-يىلى 5-ئايدا، ئۇرۇش ۋاقتى بىرلەشە ئىچكى كابىنېت باش ۋەزىرى بولۇپ، ئەنگلاىيە خەلقىنىڭ گېرمانىيە فاشىستلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلغان. 1941-يىلى 6-ئايدا گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا باستۇرۇپ كىرگندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا دەرھال بايانات ئېلان قىلغان. كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقلىق شەرتنامىسى تۈزگەن. 1945-يىلى 7-ئايدىكى سايلامدا يېڭىلىپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 1946-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئەنگلىيە - ئامېرىكا ئىتتىپاقلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى <سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى> نىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. 1951-يىلى قايتىدىن باش ۋەزىر بولغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارىتا قاتتىق قوللۇق سىياسەت قوللانغان. 1955-ىلى ئىستېپا بەرگەن. 1953-يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ <بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى>، <ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئەسلىمىلەر>، <ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر تارىخى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.