Chinese→Uyghur主要词典
琼森
دۇنيا تارىخى
جونسون
(تەخمىنەن 1573 - 1637)، ئەنگلىيىلىك دراماتورگ، شائىر. نامرات پوپ ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ۋېستمىنستېر مەكتىپىدە ئوقۇغان. نېدېرلاندقا بېرىپ، ئىسپانىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قانتاشقان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن لوندوندا ئارتىس بولغان. ئۇنىڭ درامىلىرىنىڭ تولىسى شېئىر ئارقىلىق يېزىلغان بولۇپ، شەكلى كومېدىيە، تراگېدىيە ۋە مەخسۇس ئوردىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئوينىلىدىغان نىقابلىق دراما قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، كومېدىيىلىرى مەشھۇر. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ئىندىۋىدۇئاللىقىنىڭ ئۆزگىچىلىكى>، <كىشىلەرنىڭ خۇمارى>، <ئالتۇن تاۋلىغۇچى>، <باسدولو بازىرى> قاتارلىقلار بار.