Chinese→Uyghur主要词典
亲和屋析
بىئولوگىيە
يېقىنداشلىق خروماتوگرافىيىسى
ئايرىۋېلىندىغان ماددا بىلەن ماس ھالدىكى لىگاندنىڭ كۇۋالېنتلىق بولمىغان ياغ ئارقىلىق مەخسۇس تۇتىشىش پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ لايىھىلەنگەن. ئادەتتە لىگاندىن ئالدى بىلەن مۇۋاپىق كېلىدىغان قاتتىق فازىلىق توشۇغۇچىغا كۇۋالېنتلىق ھالەتتە تۇتاشتۇرۇپ، ئاندىن كېيىن تەركىبىدە ئايرىۋېلىنىدىغان ماددا بولغان ئارىلاش ئېرىتمىنى سۇيۇق فازا شارائىتىدا لىگاند بىلەن مەخسۇس بىرىكتۈرۈپ، توشۇغۇچىغا مۇقىملاشتۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ساپلاشتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. يېقىنداشلىق خروماتوگرافىيە تېخنىكىسى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان بىر خىل ساپلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ ئاجرىتىش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى، مەشغۇلات جەريانى قىسقا بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بار. شۇڭلاشقا ھازىر تەجرىبىخانىلاردا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.