Chinese→Uyghur主要词典
情绪的两极性
پسىخولوگىيە
كەيپىياتنىڭ ئىككى قۇتۇپلۇقلىقى
كەيپىياتنىڭ قارىمۇ قارشى ئىككى قۇتۇپى بولۇپ، ئۇ كەيپىياتنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت قارىمۇ قارشىلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن: رازىلىق بىلەن نارازىلىق، خوشاللىق بىلەن قايغۇ، ئامراقلىق بىلەن ئۆچلۈك قاتارلىقلار. ھەر بىر جۈپ قارىمۇ قارشى كەيپىيات ئارىلىقىدا دەرىجە جەھەتتىن بىر مۇنچە پەرقلەر بولۇپ ئۇ كۆپ خىللىقلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئوخشاش بىر ئىشقا نىسبەتەن، بىر كىشىدە قارىمۇ قارشى ئىككى قۇتۇپلۇق كەيپىيات بىلەن ھېسيات يۈز بېرىدۇ. مەسلەن: ئۆگىنىش جەريانىدا يولۇققان توسقۇنلۇق بىلەن قىيىنچىلىق ئىچ پۇشۇغىنى پەيدا قلىشىمۇ، غەيرەتكە كەلتۈرۈشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئىككى قۇتۇپلۇق ئىجابى ئىپادىلىنىشمۇ ( كۈچەيتىدىغان )، سەلبى ( ئاجىزلاشتۇرىدىغان ) ئىپادىلىنىشمۇ مۇمكىن. ئىجابىيلىق كىشىنىڭ پائالىيەت قابىلىيىتىنى يۈكسەلدۈرۈپ كۈچەيتسە، قايغۇ - ھەسرەت ئىچ پۇشۇقنى پەيدا قىلىپ كىشىنىڭ پائالىيەت قابىلىيىتىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. يەنە، جىددىيلىشىش بىلەن يېنىكلەش ( جىددىيلىكنىڭ تۈگىشى ) تە ئىپادىلىنىشمۇ مۇمكىن. جىددىيلىك كۆپىنچە كىشىنىڭ پائالىيىتى جىددى بىر پەيىتكە كەلگەندە ياكى كىشىنىڭ تۇرغان ۋەزىيىتى ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئاچقۇچلۇق پەيىتكە كەلگەندە ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن: ئىمتىھان ياكى مۇسابىقە ئالدىدا كەيپىيات جىددىيلىشىدۇ، جىددىيلىك پەيتى ئۆتلەندىن كېيىن يېنكلەش پەيدا بولىدۇ. يەنە ھاياجانلىنىش بىلەن خاتىرجەملىك ئىپادىلىنىدۇ. ھاياجانلىنىش كەيپىياتى كۈچلۈك، قىسقا ۋاقىتلىق، پارتىلاش شەكلىدىكى تۇيغۇدا ئىپادىلىنىدۇ. مەسلەن: غەزەپلىنىش، چەكسىز خۇشاللىق، ئۈمىتسىزلىنىش. كۆپ ھاللاردا كىشىنىڭ كەيپىياتى خاتىرجەم ھالەتتە بولىدۇ. يەنە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش كۈچىدىمۇ كۈچلۈك بولۇش بىلەن ئاجىزلىقتىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپ بولىدۇ. مەسلەن: ئاجىز خاتىرجەمسىرلىكتىن كۈچلۈك ھاياجانلىنىشقا، خوشاللىقتىن چەكسىز خوشاللىق بولۇپ كېتىشىكە، ئەنسرەشتىن قورقۇشقا ئۆتۈش ۋە باشقىلار.