Chinese→Uyghur主要词典
庆气培养
بىئولوگىيە
ئوكسىگېنسىز ئۆستۈرۈش
ئوكسىگېن خالىمايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. ئوكسىگېن خالىمايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرۈشتە، بىرىنچى، ئۆستۈرگۈچكە ئالاھىدە تەلەپ قويۇلىدۇ، يەنى ئۆستۈرگۈچنىڭ ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش پوتېنسىئالى تۆۋەن بولۇشى، دائىم ناترىي گىدروسۇلفىد، گىدروسۇلفىدرادىكالى بولغان ئېتانول ياكى ئاسكوربىك كىسلاتا قاتارلىق ئوكسىگېنسىزلىغۇچى ماددىلارنى قوشۇپ تۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ئوكسىگېنسىز شارائىتنى تەلەپ قىلىدۇ. كىچىك دائىرىدىكى تەجرىبە شارائىتىدا ئاغزى ھىم ئېتىلگەن قاچىنىڭ ئىچىدىكى ئوكسىگېننى پېروگال كىسلاتاسى بىلەن ئىشقار (مەسىلەن NaOH) نى رېئاكسىيىلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ياكى ھاۋا ئالماشتۇرۇش، يەنى قاچىنىڭ ئىچىدىكى ھاۋانى تارتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ئازۇت ئىككى ياكى كاربون تۆت ئوكسىد بىلەن ھىدروگىن ئىككى قاتارلىق گازلارنى كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ياكى ئوكسىگېن خالايدىغان مىكرو ئورگانىزم بىلەن ئوكسىگېن خالىمايدىغان مىكرو ئورگانىزمنى بىرلىكتە ئۆستۈرۈپ، ئوكسىگېن خالايدىغان مىكرو ئورگانىزم ئارقىلىق ئوكسىگېننى چىقىرىۋېتىش؛ كەڭ دائىرىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدا ئالاھىدە ئېچىتىش ئۈسكۈنىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېچىتىش قاچىسىنى ھىم ئېتىپ چوڭقۇر قەۋەتتە تىنچ ئۆستۈرۈش، ياكى شامال ئۆتمەيدىغان ھىم قاتتىق جىسىمنى ئېچىتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئوكسىگېن خالىمايدىغان مىكرو ئورگانىزملارنى ئۆستۈرۈش.