Chinese→Uyghur主要词典
乔治一世
دۇنيا تارىخى
گېئورگې Ⅰ
(1845 - 1913) گرېتسىيە كورۇلى (1863 - 1913). شېلۋېش - خورستام - زوندىپو - گېرۇسپوۋ جەمەتىدىن. دانىيە كۇرۇلى كىرىستىئان Ⅸ نىڭ ئىككىنچى ئوغلى. 1863 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ تەلىپى ۋە فرانسىيە، روسىيەلەرنىڭ قوللىشى بىلەن، گرېتسىيە خەلق پارلامېنتى ئۇنى گرېتسىيە كورۇلى قىلىپ سايلىغان. تەختتىكى مەزگىلىدە <گرېكلار كورۇلى> (<گرېتسىيە پادىشاھى>ئەمەس) دېگەن نام بىلەن، ئۆزىنى ئاساسىي قانۇنلۇق كورۇل، دېموكراتىك كورۇل قىلىپ كۆرسەتكەن، لېكىن قوشنىلىرىنىڭ زېمىنىنى قوشۇۋېلىشقا تايىنىپ <بۈيۈك گرېتسىيە> قۇرۇپ چىقماقچى بولغان. سىرتقا نىسبەتەن ئەنگلىيىگە يېقىنلىشىش سىياسىتىنى قوللانغان. 1913 - يىلى تىسسالونىكادا يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەن.