Chinese→Uyghur主要词典
桥粒
ئۇنىۋېرسال
qiáo lì
دېسموزوما
بىئولوگىيە
دېسموسوما
ھايۋان ھۈجەيرىلىرى ئارىلىقلىرىدىكى بىر خىل تۇتىشىش شەكلى بولۇپ، دائىم كۆپ قەۋەتلىك تەڭگىسىمان ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ئارىلىقلىرىدا ئۇچرايدۇ. <يېپىشىش دېغى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۇتاشقان بۇ ئورۇندا كەڭلىكى 20 ~ 30 مىللىمىكرون كېلىدىغان ھۈجەيرە ئارىلىقى بولۇپ، شۇ ئارىلىقتا ئېلېكترون زىچلىقى يۇقىرىراق بولغان بىر مەركىزىي قەۋەت بولىدۇ، ئىككى تەرەپتىكى پلازما پەردىسىنىڭ ھەر قايسىسىدا بىردىن پەردىگە پاراللېل بولغان پلاستىنكىسىمان تۈزۈلۈش بولۇپ، سىتوپلازما دېغى دەپ ئاتىلىدۇ. سىتوپلازما دېغىدىن ئىچىگە قاراپ سوزۇلغان دىئامېترى 100 ئانگىسترېم كېلىدىغان كەرىلىش كۈچىگە ئىگە نۇرغۇنلىغان يىپچە تالا باغلاملىرى بولۇپ، باغلىنىش ئارقىلىق بىر گەۋدىگە ئايلانغان كۈچلۈك تورسىمان سىستېمىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھۈجەيرە ئارىلىقلىرىنى تۇتاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.