Chinese→Uyghur主要词典
乔
دۇنيا تارىخى
گېئوفرېي
(تەخمىنەن 1342 - 1400) ئەنگلىيەلىك شائىر. <ئەنگلىيە ناخشا - قوشاقلىرىنىڭ بوۋىسى> دەپ نام ئالغان. لوندوندىكى بىر ھاراق سودىگىرى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا ئاقسۆڭەككە مۇلازىم بولغان. ئەنگلىيە - فرانسىيە يۈز يىللىق ئۇرۇشى مەزگىلىدە، 1359 - يىلى قوشۇن بىلەن بىللە فرانسىيىگە كېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي ئەسىرگە چۈشكەن. كېيىن پۇل تۆلەپ ئەركىنلككە ئېرىشكەن. 1367 - 1378 - يىللىرى بۇيرۇققا بىنائەن، كۆپ قېتىم فىلاندېس، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىگە ئەلچى بولۇپ بارغان ھەمدە ئىتالىيىدە پېتراك ۋە بوكاكىئو بىلەن تونۇشقان، 1374 - 1384 - يىللىرى لوندون پورتىدا قوي يۇڭى، كۆن - خۇرۇم ۋە ھاراق تاموژنىسى نازارەتچىسى بولغان. 1385 - يىلى كېنت ۋىلايىتى ئامانلىقىنى ساقىلىغۇچى سوت ئەمەلدارى بولۇپ، ئىككىنچى يىلى مۇشۇ ۋىلايەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە تۆۋەن پالاتانىڭ ئەزاسى بولغان. 1389 - 1391 - يىللىرى ئوردىنىڭ باش غوجىدارى بولغان. ئالدىنقى مەزگىلدىكى ئەسىرى بايان خاراكتىرلىك داستان <تېرولېس بىلەن كېرېسېدا> دا يېڭىدىن گۈللەنگەن شەھەر ئاھالىسى سىنىپنىڭ تۇرمۇش غايىسى ئىپادىلەنگەن. ۋەكىللىك ئەسىرى <كېنتېر بېرى ھېكايىلىرى> دا رېئالىزملىق ئۇسۇل ئارقىلىق، ⅣⅩ ئەسىردىكى ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى سىنىپ تەبىقىلەرنىڭ ۋەكىللىرى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭدا كاتولىك مىسسىئونېرلىرى ئاچچىق مەسخىرە قىلىنىپ، تۇرمۇشنى سۆيۈش گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، گۇمانىزملىق خاھىشقا ئىگە بولغان. ئۇنىڭدىكى ژانىرلار پوكاكىئونىڭ <10 كۈنلۈك سۆھبەت> تىكىگە ئوخشاپراق كەتسىمۇ، لوندون دىئالېكتى بىلەن يېزىلغان (شۇ چاغدا ئەنگلىيە ئاقسۆڭەكلىرى جەمئىيىتى ئومۇميۈزلۈك فرانسۇزچە ئىشلىتەتتى)لىقتىن، ئەنگلىيە مىللىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە خېكى زور تەسىر كۆرسەتكەن داستان. ئۇ <شۆھرەت زالى> قاتارلىقلارنىمۇ ئىجاد قىلغان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
qiáo
جوئې، جاۋDئۇنىۋېرسال
qiáo
ئېگىز ۋە دوناي، ئېگىز ۋە ئەگمەچ
ئەسكى؛ بۇزۇق؛ بولۇمسىز؛ ھىيلىگەر، قۇۋ
ھاكاۋۇر، تەكەببۇر
ياسالمىلىق قىلماق، نىقابلانماق، نىقابلىنىۋالماق
چياۋ )فامىلە(