Chinese→Uyghur主要词典
遣唐使
دۇنيا تارىخى
تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر
مىلادى Ⅶ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە ياپونىيە خان ئوردىسى جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن دىپلوماتىك ئەلچىلە. ئاساسىي مەقسەت تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈزۈملىرى ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلىرىنى كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت بولغان. 630-ىلى (ياپونىيە شۇمىڭ تېننۇنىڭ 2-يىلى، تاڭ سۇلالىسى جېنگۇەننىڭ 4-يىلى) دىن باشلاپ تاكى 894-يىلى (ياپونىيە كۇەنپىڭنىڭ 6-يىلى، تاڭ سۇلالىسى گەننىڭنىڭ 1-يىلى) غىچە بولغان 264 يىل ئىچىدە، تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلىدىغان ئەلچىلەر جەمئىي 19 قېتىم تەيىنلەنگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە پەقەت 13 قېتىملىق ئەلچىلەر جۇڭگوغا يېتىپ بارلىغان. ئومۇمىي ئادەم سانى باش ئەلچى، كۆزەتكۈچى ئەلچى، مۇئاۋىن ئەلچى، دادخاھ، كاتىپ، ئوقۇشقا بارغان ئوقۇغۇچىلار، ئۆگىنىشكە بارغان راھىبلار، ماتروسلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بەش، ئالتە - يۈز ئادەمگە يەتكەن. جۇڭگوغا بارىدىغان دېڭىز يولى شىمالىي يول ۋە جەنۇبىي يولغا بۆلۈنگەن. شىمالىي يول چاۋشىيەننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ شىمالغا بېرىپ، بوخەي دېڭىزىنىڭ ئېغىزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ سەندۇڭغا كەلەن. Ⅷ ئەسىرگە كەلگەندە سىللا بىلەن بولغان مۇناسىۋەت يامانلاشقانلىقتىن، جەنۇبىي يولدا مېڭىشقا ئۆزگەرتكەن، يەنى نىزېن ئارىلى (ھازىرقى ناگاساكى ناھىيىسىگە تەۋە) دىن دېڭىز ئارقىلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېغىزىغا كېلىپ، ياڭجۇغا بارغان، بەزىلەر يەنىمۇ جەنۇبقا بېرىپ مىڭجۇ (ھازىرقى نىڭبو شەھىرى) غا كەلگەن. تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر، ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار ياپونىيىگە قايتقان چېغىدا، تاڭ سۇلالىسىگە دائىر بىلىملەر ۋە مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، ياپونىيىدە دۆلەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش، يېزا ئىگىلىك - سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بۇددا دىنىنى تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تەسىر كۆرسەتكەن.