Uyghur主要词典
قەشقەر سۇ ئېلېكتر مەكتىپى
领域: شىنجاڭ مائارىپىكەسپىي مائارىپ
ئۇنىڭ ئەسلى 1983 - يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدا قۇرۇلغان سۇ ئىشلىرى باشقۇرۇش تەربىيىلەش مەركىزى ئىدى.
سۇ ئىشلىرى نازارىتى بىلەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قوش باشقۇرۇشىغا تەۋە. شۇ يىلى سۇ باشقۇرۇش كەسپىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. 1985 - يىلى 5 - ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭ سۇ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەربىيىلەش مەركىزى ئاساسىدا كېڭەيتىلىپ، شىنجاڭ قەشقەر سۇ ئېلېكتر مەكتىپى قۇرۇلغان. ئاپتونوم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىگە تەۋە، ئوقۇتۇشتا ئۇيغۇر تىلى قوللىنىلىدۇ. ئوقۇش مۇددىتى ئۈچ يىل، پۈتۈن شىنجاڭغا يۈزلەنگەن ھالدائوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. ئېچىلغان كەسىپ بەش خىل. مەكتەپنىڭ يەر مەيدانى 47469 كۋدرات مېتىر. قۇرۇلۇش كۆلىمى11052 كۋادرات مېتىر. ھەرخىل ئوقۇتۇش، تەجرىبە ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، كۇتۇپخانىدا 50 مىڭ پارچە كىتاب بار. 1994 - يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى مەكتەپ شارائىتىنى باھالاشتا لاياقەتلىك مەكتەپ بولۇپ باھالانغان. 1998 - يىلى 12 - ئايدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك
مەدەنىيەتلىك ئورۇن بولۇپ باھالانغان. مەكتەپ شتاتى 85. 1999 - يىلى رەسمىي ئوقۇتقۇچى سانى 14 نەپەر (ئالىي لېكتور ئالتە نەپەر، لېكتور 30 نەپەر، ياردەمچى لېكتور 16 نەپەر)، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى 670 نەپەر. مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان 2273 نەپەر ئوقۇغۇچى تەربىيىلىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。