Uyghur主要词典
قەرىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يېقىن، يېقىن ئادەم، ھەمسۆھبەت:
باغلىق، كىرىشكەن، مەشغۇل:
1. يەنە ھا سى ھىجرانغە بولدى قەرىن،
ئەلف دە قەدىدۇر ئەلەمگە يەقىن.
ئا. نىزارى.
2. كىم مېنى ئەل ئەھلى يېقىن ئاڭلاغاي،
تەقۋىيۇ تاقەتقە قەرىن ئاڭلاغاي .
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
باغلانغان، چېتىلغان، قوشۇلغان؛ ئوخشاش، دەك؛ جۈپ، پار؛ ھەمراھ، ئىشداش، شېرىك؛ ئەر: قورىن مۇۋەففەقىيەت - مۇۋەپپەقىيەت قازانغان؛ قەرىنلىغ - يېقىنلىق؛ قەرىنراق - يېقىنراق.