Uyghur←Chinese主要词典
قەنتلەرنىڭ ئېچىپ پارچىلىنىشى
بىئولوگىيە
糖原酵解
tángyuánjiàojiě
ياكى EMP يولى ياكى گېكسوزادى فوسفات يولى (或糖磷酸途径 hexose diphos phate pathway)گلۇكوزىدىن پىرۇۋىك كىسلاتاغا قىسقارغۇچە بولغان ئېنزىملارنىڭ تېزلىتىشىدىكى بىر قاتار رېئاكسىيىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئوكسىگېنلىق ئېچىپ پارچىلىنىش يولى دەپ ئاتىلىدۇ. ئوكسىگېنسىز شارائىتتا گلۇكوزىنىڭ لاكتىك كىسلاتا (ياكى ئېتىل ئىسپىرت) غا ئايلىنىشىدىكى تۇتاش رېئاكسىيىلەر ئوكسىگېنسىز ئېچىپ پارچىلىنىش يولى دەپ ئاتىلىدۇ. قەنتلەرنىڭ ئوكسىگېنلىق ۋە ئوكسىگېنسىز پارچىلىنىشىدىكى گلۇكوزىنىڭ پىرۇۋىك كىسلاتاغا ئايلانغۇچە بولغان ھەر قايسى باسقۇچلۇق رېئاكسىيىلىرى ئورتاق بولىدۇ، يەنى بىرىنچى باسقۇچتا بىر مولېكۇلا گلۇكوزا ئىككى مولېكۇلا فوسفو گلىتسېر ئالدېگىدقا قىسقارغاندا ئىككى مولېكۇلا ATP سەرپ قىلىنىدۇ ۋە ئىككىنچى باسقۇچىدا فوسفو گلىتسېر ئالدېگىد ھىدروگېنسىزلىنىپ پىرۇۋىك كىسلاتاغا ئايلانغاندا ساپ ئىككى مولېكۇلا ATP سىنتېزلىنىدۇ. لېكىن ئوكسىگېن بولمىغاندا، بۇ يولدا ھاسىل بولغان NADH بىلەن پىرۇۋىك كىسلاتا ئوكسىدسىزلىنىپ لاكتىك كىسلاتانى ھاسىل قىلىدۇ. ئوكسىگېن بولغاندا، پىرۇۋىك كىسلاتا كاربوكسىلىسىزلىنىپ ئوكسىدلىنىش بىلەن ئاتسېتىل CoA نى ھاسىل قىلغاندىن كېيىن ئۈچ كاربوكسىللىق كىسلاتالار ئايلانمىسى (TCA ئايلانمىسىغا قاراڭ) غا كىرىپ پۈتۈنلەي ئوكسىدلىنىپ، H O ۋە CO 2 ھاسىل قىلىدۇ.