Uyghur←Chinese主要词典
قەنت ھاسىل قىلىدىغان ئامىنو كىسلاتالىرى ۋە كېتون ھاسىل قىلىدىغان ئامىنو كىسلاتالىرى
بىئولوگىيە
生糖氨基酸与生酮氨基酸
shēngtángānjīsuānyǔshēngtóngānjīsuān
ئامىنسىزلىنىش رېئاكسىيىسىدىن ھاسىل بولغان كېتو كىسلاتا (پىرۇۋىك كىسلاتا، a - كېتوگلۇتار كىسلاتا، ئوكسالو ئاتسېتىن كىسلاتاسى) لىرىنىڭ پىرۇۋىك كىسلاتا ئېچىپ پارچىلىنىشىنىڭ قايتما يولى ئارقىلىق قەنتلەرنىڭ سىنتېزلىنىشىگە قاتنىشىدىغان ئامىنو كىسلاتالىرى قەنت ھاسىل قىلىدىغان ئامىنو كىسلاتالىرى دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، گلتسىن، ئالانىن، سېرىن، ترىئونىن، پرولىن، ئاسپارتىك كىسلاتا، سىستېئىن قاتارلىقلار. يەنە بىر خىلى ئاتسېتىل ئاتسېتاتقا ئايلىنىپ، ئاندىن ياغ كىسلاتالىرىنى ھاسىل قىلىدىغان ئامىنو كىسلاتالىرى دەپ ئاتىلىدۇ، مەسىلەن، لېيتسىن، ئىزولىيتسىن، فېنىل ئالانىنلار. ئىزولېيتسىن ۋە فېنىل ئالانىن، لىزىنلار ھەم ئاتسېتىل ئاتسېتاتنى ھاسىل قىلىدۇ ھەم ئۈچ خىل كېتو كىسلاتالارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىلنى ھاسىل قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن ھەم قەنتلەرگە ھەم ياغلارغا ئايلىنالايدۇ، يەنى قەنت ھاسىل قىلىش ۋە كېتون ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل رولى بولىدۇ.