Uyghur主要词典
قەلئە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قورغان، ئوردا؛ شەھەر:
تۇرۇسكە دىگەن قەلئە سارى يۈرۈپ،
يېتپ مۇندا ھەم تۈرفە ئىشلار كۆرۈپ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قورغان، شەھەر، ئىستىھكام: قەلئە بېگى - جىڭبى سىلىڭ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھىم جايلارغا سېلىپ مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان جاي، قۇرۇلۇش.
«قورغان»، «قەلئە» لەر شەھەر شەكىلىدە، «سەد»، « سېپىل» لار ئېگىز قۇرۇق تام شەكلىدە، «پوتەي»، «تۇرار» لار توپ ئېيتىشقا لايىق ياسالغان بولىدۇ.
قورغان ئىچىدىن غۇلار. كونا قەلئەدە جىن بار. ھەقىقەت ئاتمىش ئىستىھكامنى بۇزار. سەددىچىن سېپىلى - ئۈچ مۆجىزىنىڭ بىرى. ئەقىل ھەمراھى ھەم جان يارى ئىلىم، ئىككى ئالەمدە جان ھىسارى ئىلىم. گومىنداڭ ماڭدامدا بىر پوتەي سالغانىدى. قۇمۇلدا قەدىمىي تۇرارلار كۆپ.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زاماندىكى ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرى (قەلئە)نىڭ قەلئەسى. مۇداپىئەلىنىشكە پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن كۆپىنچە ئېگىز جايلارغا سېلىنغان. بولۇپمۇ قەدىمكى يۇنان دۇنياسىدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇپ، ئافىنا قەلئەسى بۇنىڭ ۋەكىلى. بۇ قەلئە، ئېيتىشلارغا قارىغاندا تېسۇس مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅷ ئەسىر ياكى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئافىنانى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىلگىرى سېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، تاغ باغرىغا جايلاشقان، ئېگىزلىكى 46 مېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن 152 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 351 مېتىر كېلىدۇ؛ كېيىىن ئافىنا شەھىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، قەلئە ئافىنا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە توغرا كەلگەن، قەلئەدە تۇرۇپ پۈتۈن شەھەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرى Ⅴ ئەسىردە ئافىنانىڭ دېموكراتىك سىياسىي تازا گۈللەنگەن دەۋردە كۆپ پۇل سەرپ قىلىش ئارقىلىق، قەلئە دىنىي پائالىيەت مەركىزىي قىلىپ ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان. مەشھۇر ئىمارەتلەردىن پارتىنون ئىبادەتخانىسى، ئېرېكتېئوم ئىبادەتخانىسى ۋە قەلئەنىڭ مەركىزىدىكى ئافىنا چوڭ ھەيكىلى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتاقلىق ئۇستىلارنىڭ قولىدىن چىققان. بۇلار قەدىمكى يۇناننىڭ بىناكارلىق - ھەيكەلتىراشلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي بەلكى قۇللۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئافىنا دۆلىتىنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيان بۇ ئىمارەتلەر كەينى - كەينىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ھازىرقى ئافىنا شەھىرنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىلا ئۇنىڭ خارابىلىرى قالغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دۈشمەن ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن سېپىل ۋە خەندەكلەر بىلەن ئورالغان قورغان؛ شەھەر.