Uyghur主要词典
قەھر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەزەپ، ئاچچىق:
نىزارىنى زار ئەتمەگىل دەھر ئارا،
داغى تاڭلا كۆيدۈرمەگىل قەھر ئارا.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەزەپ، ئاچچىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق نەپرەت تۇيغۇسىدىن پەيدا بولغان روھىي ھالەت.
ئاچچىق كەلسە، ئەقىل قاچىدۇ. ئاچچىقتىن قېرىيسەن، كۈلكىدىن ياشىرىسەن. غەزەپ ئەقىل چىرىغىنى ئۆچۈرەر. خۇدانىڭ قەھرى تۇتسا، چۈمۈلىگە قانات بېرەر. قەھرى بار، غەيرىتى يوق. جۇدۇنى تۇتسا، ئۇ ھەر بالادىن يانمايدۇ. ھاۋانىڭ گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق، قېرىنىڭ جۇدۇنى بار، ماغدۇرى يوق. زەردىسى بارنىڭ ئەقلى بولسا، ئىش ئاسان بولاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئاچچىق، غەزەپ.
قەھر قىلماق.