Uyghur主要词典
قەھەتچىلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوزۇق - تۈلۈك يېتىشمەسلىك.
ئاچارچىلىق بالا - قازانىڭ ئەڭ چوڭى. ئاچارچىلىق يىللىرى ئاچلىقتىن ئۆلگەنلەر - ناھەق كەتكەنلەر. قەھەتچىلىك يىلىدا بىراۋدىن ھال سورىما، ھالىغا يېتەلىسەڭ سورا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
زىرائەت ئۈنۈم بەرمەي، ئوزۇق - تۈلۈك يېتىشمەسلىك. ئاچارچىلىق، قەھەتچىلىك يىلى.
توقچىلىق، مولچىلىق، مەمۇرچىلىق
ئوزۇق - تۈلۈك موللۇق، ئىسراپچىلىق. توقچىلىق، مولچىلىق، مەمۇرچىلىق يىلى.
ئاچارچىلىق - بالا - قازانىڭ ئەڭ چوڭى. قەھەتچىلىك يىللىرى بىراۋدىن ھال سورىما، ھالىغا يېتەلىسەڭ سورا. مولچىلىق خۇشاللىق بېغىشلايدۇ. مەمۇرچىلىق بولسا تۇرمۇش خاتىرجەم بولىدۇ. ئاچارچىلىقنى باشتىن كەچۈرمىگەن توقچىلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئۇرۇش، تەبئىي ئاپەت ياكى زىرائەتتىن ياخشى ھوسۇل ئېلىنمىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر نەتىجىسىدە ھەممە نەرسە كەمچىل ۋە قىممەت بولۇپ قالغان پەيت؛ ئاچارچىلىق.
قەھەتچىلىك يىلى.