Uyghur主要词典
قەدىر
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قەيسەر، كەسكىن.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قىيىن، جاپالىق: قەدىر يەر - ئۆتۈش قىيىن يەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھەر نەرسىگە كۈچى يەتكۈچى، قۇدرەتلىك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھال - ئەھۋالىنىڭ، تۇرمۇشنىڭ شۇ زامان، شۇ ماكاندىكى ئوتتۇرىچە ھالىتى.
قەدىر ئەھۋال ئۆتۈۋاتىمىز. تۇرمۇشمىز يامان ئەمەس. بازار نەرخى كۈن كۆرۈۋاتىمىز. ئەل قاتارى كېتىپ بارىمىز.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ ئۇلۇغلۇقنى، پاكلىقنى چۈشىنىپ، ئۇنى ئالقىشلاش تۇيغۇسى.
ھۆرمەت چوڭ بايلىقتىنمۇ قىممەت. ئادەمنىڭ ھۆرمىتىمۇ، خورلۇقىمۇ ئۆزىدىن. ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئەر قەدىرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدىرىنى زەرگەر. ئادەمنىڭ بۆكىنىڭ قىممىتى بېشىنىڭ قىممىتىگە تەڭ كەلمەس. ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى خالىس ئىش قىلىش بىلەن ئۆلچىنەر. ئېتىبارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭدىن نېمە پايدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
كىشىلەر ئارىسىدا ئرىشىلگەن ئابرۇي، ھۆرمەت؛ جەمئىيەتتە تۇتقان ئورۇن، نوپۇز.
سۆزى توغرىنىڭ قەدرى ئارتۇق بولار (ماقال).
ئەھمىيەت، قىممەت.
ئالتۇن قەدرىنى زەرگەر بىلەن (ماقال).* ئىشلىگەننىڭ قەدرىنى بىلىدىغان زامان ئەمدى كېلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
<قادىر>
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
قەدىر - قىممەت؛ ھەممىگە قادىر، كۈچلۈك