Uyghur←Chinese主要词典
قەدىمكى ئىشلار خاتىرىسى
دۇنيا تارىخى
古事记
gǔ shì jì
ياپونىيىدە ساقلىنىۋاتقان ئەڭ بۇرۇنقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يېزىلغان تارىخ كىتاب. تېننو تېنمو (672 - 686 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) <ئىمپېرىيە تارىخى ۋە كونا قامۇسلارنىڭ چىنلىقىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى>نى كۆزدە تۇتۇپ، ساختىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھەقىيقىسىنى بېكىتىش ئۈچۈن يېقىن ئادىمى ھىبدائالىنى چاقىرتىپ <خان تارىخىنىڭ داۋامى> بىلەن <ھازىرقى زاماندىكى كونا قامۇسلار>نى يادقا ئالدۇرغان. تېننو يۈەنمىڭ (707 - 715 - يىللار تەختتە ئولتۇرغان)، مىلادىنىڭ 711 - يىلى (خې توڭ 4 - يىلى) تەي ئەن ۋەنلۇينى خاتىرىلەشكە بويرۇغان، ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئايدا ئۈچ توم كىتاب قىلىپ تۈزۈپ چىقىلغان. 1 - تومىدا <ئاسمان - زېمىن يارىتىلىش>تىن تارتىپ، دەۋرى ئېنىق بولمىغان ئاقساقاللىقلارغا قەدەر ئىلاھلار شەجەرىسى ۋە ئەپسانىلەر بولۇپ، ئارىسىغا بۇلۇت ئىلاھى كىرىشتۈرۈلگەن. <ياپونىيە يىلنامە خاتىرىسى> ئۇچرىمايدۇ؛ ئىككىنچى تومىدا تېننو جىممۇدىن تارتىپ تېننو ئوجىنغىچە بولغان ئەپسانە ۋە قەھرىمانلىق رىۋايەتلەر بايان قىلىنغان؛ ئۈچىنچى تومىدا تېننو دېدىن تارتىپ تېننو تۇيگۇغىچە بولۇپ سەل ئاددىيراق بولغان، كىرىش قىسمى خەنزۇچە يېزىلىپ، ئەسەرنىڭ ئۆزى خەنزۇچە تاۋۇشقا ماسلاشتۇرۇلغان ئارىلاشمىلىق ئالاھىدە خەنزۇچە يېزىق شەكلى بىلەن يېزىلغان. 1792 - يىلى (كۇەنجىڭ 4 - يىلى) موتوئورى نورىناگا <قەدىمكى ئىشلار قىسسىسى> دېگەن ئەسەرنى يازغان، بۇ، مەزكۇر كىتاب ھەققىدىكى مۇھىم شەرھى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.