Uyghur←Chinese主要词典
قەدىمكى ئادەملەر
بىئولوگىيە
古人
gǔrén
مايمۇنسىمان ئادەملەر بىلەن يېڭى ئادەملەرنىڭ ئارىلىقىدىكى ئىنسانلار بولۇپ، 1 ~ 2 يۈز مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان گېىئولوگىيىلىك يىللىرى ئوتتۇرا تۆتىنچى دەۋرنىڭ كېينكى مەزگىلىگە، مەدەنىيىتى كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىگە مەنسۇپ. كىشىلەرنىڭ دىققىتىگەئاڭ بالدۇر سازاۋەر بولغىنى 1856 - يىلى گېرمانىيىنىڭ دۇبسسېلدوروف دېگەن يېرىدىكى نېئاند ئېقىمى ئەتراپىدىكى ئۆڭكۈردىن تېپىلغان نېئاندېرتال ئادىمى بولغاچقا بۇ باسقۇچ نېئاندىرتال ئادىمى باسقۇچى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى مايمۇنسىمان ئادەمگە قارىغاندا ئىلغار بولسىمۇ، يەنىلا مايمۇنلارنىڭ بەزى خۇسۇسىيەتلىرى ساقلىنىپ قالغان. يۈزدىن ئارتۇق يىللار مابەينىدە كونا چوڭ قۇرۇقلۇقتىن قەدىمكى ئادەملەرنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىدىن 10 ئورۇندا جەمئىي يۈزدىن ئارتۇق شەخس تېپىلغان. ئۆلكىلىرىدىمۇ قەدىمكى ئادەملەرنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرى تېپىلغان.