Uyghur主要词典
قەدىمىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
جۇڭگودىكى ئىسلام دىنىدا مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىغىچە يېڭى مەزھەپلەر پەيدا بولغاندىن بۇيان، ئىسلام دىنى جۇڭگوغا كىرگەن چاغدىكى دىنىي تۈزۈمنى ساقلاپ كەلگەن مەزھەپ كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ مەزھەپ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى ئېتىقادىغا قاتتىق ئەمەل قىلغان ۋە دىندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلەرگە بويسۇنغاندىن باشقا، ئىسلام دىنىنىڭ ھەر خىل ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلىدۇ؛ بىر - بىرىگە بېقىنمايدىغان جامائە تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ؛ دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇشتا ئىمام ياكى ئاخۇنۇمنى تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ۋە ئىمام، خەتىپ، مۇئەززىندىن ئىبارەت <ئۈچ شەيخلىق تۈزۈم> نى قوللىنىدۇ؛ مەسچىت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتا <مۇتىۋەللى> ياكى مۇدىرىيەت تۈزۈمىنى قوللىنىدۇ. مىڭ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە بەزى چوڭ مەسچىتلەر مۇپتى تەسىس قىلغان. بۇ مەزھەپ ئىچكى ئۆلكىلەرگە ۋە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم جايلارغا تارقالغان.