Uyghur主要词典
قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈشى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى زاماندا مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ سىرتىدىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك كۆچۈشى. بەزى قەبىلىلەر ئۇرۇشتا يېڭىلىپ نائىلاج كۆچكەن، بەزى قەبىلىلەر ياشاشقا تېخىمۇ لايىق جايلارنى ئىزدەپ كۆچكەن، يەنە بەزى كۆچمەن قەبىلىلەر <سۇ - ئوتلاق قوغلىشىپ>، تۇرالغۇ جايىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ تۇرغان، شۇنىڭدەك باشقا سەۋەبلەر بىلەن قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈشى قەدىمكى دۇنيادا ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان تارىخىي ھادىسە بولۇپ قالغان. مەسىلەن، قەدىمكى جۇڭگودىكى جۇلىقلارنىڭ گۇگۇڭ دەنفۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇيۈەنگە كۆچۈشى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپىدىكى ھىندى - ياۋرۇپا تىلى سېستىمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ھىندىستان ۋە ئىرانغا كۆچۈپ كېلىشى، پرۇگىئانلارنىڭ كىچىك ئاسىياغا كىرىشى، يۇنانلىقلار قەبىلىلىرىنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىغا كۆچۈشى، ھۇن قەبىلىلىرىنىڭ غەربكە كۆچۈشى ھەمدە گېرمان قەبىلىلىرىنىڭ رىم ئىمپېرىيىسىگە كىرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنداق كۆچۈشنىڭ مەشھۇر مىساللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەبىلىلەرنىڭ كۆچۈشى بەزىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدىكى بۇزغۇنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىنسانىيەتنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى، تىل سېستىمىسىنىڭ شەكىللىنىشى، شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئالمىشىشى قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغان.