—参考资料
قىزىلمۇچ
领域: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىقىزىلمۇچ (لازا) نىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كۆكتاتلار ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. نىڭدونىڭ رەڭگى ئوچۇق، تەملىك ھەم پۇراقلىق، ئاچچىقلىق دەرىجىسى ئوتتۇراھال بولغان داڭلىق ئۇچلۇق (مۈڭگۈزسىمان) قىزىلمۇچنى مىسالغا ئالساق، ئۇنىڭ قۇرۇقىنىڭ تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى %54 .10 كە، ماي مىقدارى %2 .8 كە يېتىدۇ؛ ئۇرۇقى تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى %83 .16 كە، ماي مىقدارى %15 .21 كە يېتىدۇ. ھەر100 گرام قۇرۇق قىزىلمۇچ تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى172 مىللىگرامغا يېتىدۇ. ئۇنىڭدا يەنە لىزىن (بىر خىل ئاممىنو كىسلاتاسى)نىڭ مىقدارىمۇ بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى ئوزۇقلۇقى مول ئاچچىق كۆكتات دېيىشىدۇ.
قىزىلمۇچنىڭ ئەسلىي ماكانى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدۇر. ئۇ پىدىگەن ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، جەنۇبتىكى تروپىك بەلۋاغ رايونلىرىدا بولسا كۆپ يىللىق ئۆسۈملۈك ھېسابلىنىدۇ. قىزىلمۇچنىڭ مېۋە شەكلى خىلمۇخىل بولۇپ، ئۇزۇن مۈڭگۈزسىمان، ئېللىپسسىمان، يىسا يۇمىلاق، ئۇرچۇقسىمان قاتارلىق شەكىللەردە بولىدۇ. مېۋە رەڭگى قىزىل، يېشىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. مېۋىسى ئادەتتە يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدىغانلىرىمۇ ياكى تۆۋەنگە قاراپ ئۆسىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. ئاچچىقلىق دەرىجىسىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمايدۇ. دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاچچىق قىزىلمۇچ جۇڭگونىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى جىڭپو مىللىتى ياشايدىغان رايونلاردىن چىقىدىغان «شۈەن لاجياۋ» قىزىلمۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاچچىقلىق دەرىجىسى يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدىغان قىزىلمۇچنىڭ ئاچچىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ ئون ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇنى پەقەت شورپىغا بىرنەچچە قېتىم چىلاپ چايقاپ قويسىلا شورپا ئاچچىق تەمگە كىرىدىغان بولغاچقا، بىر تال «شۇەن لاجياۋ» قىزىلمۇچىنى كۆپ قېتىم ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.
قىزىلمۇچنىڭ ئاچچىق تەمى «كاپسائىتسىن» دىن كېلىدۇ. قىزىلمۇچ كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان تەم تەڭشىگۈچى كۆكتات بولۇپلا قالماي، يەنە ئاشقازاننى ياخشىلاش، يەلنى ھەيدەش، قاننى راۋانلاشتۇرۇش، سوغۇق ھەيدەش، پەرىشانلىقنى تۈگىتىش، توختاپ قالغان خىلىتلارنى ماڭغۇزۇش قاتارلىق ئۈنۈملەرگە ئىگە. قىزىلمۇچنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، تەم سەزگۈلىرىنى غىدىقلاپ ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. لېكىن، ئاشقازان كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى، كۆز كېسەللىكى بار بىمارلار ھەرگىز قىزىلمۇچ يېمەسلىكى لازىم؛ جىگەر ياللۇغى، بۆرەك ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، يۇتقۇنچاق - كېكىرتەك ياللۇغى، چىقان قاتارلىق كېسەللىكلىرى بار بىمارلار بولسا ئىمكانقەدەر قىزىلمۇچنى ئازراق ئىستېمال قىلغىنى ياخشى.
例句
تاماققا قىزىلمۇچ سېلىپ تەملەندۈرگىلى بولىدۇ.
翻译: The dish can be seasoned by adding chili.
common collocation
参考资料
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ پېدىگەن ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قىزىلمۇچقا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك
بولۇپ، يوپۇرمىقى تۇخۇمسىمان تىمىنە شەكىللىك، گۈلى ئاق، مېۋىسى كۆپىنچە يۇڭ قەلەمنىڭ ئۇچىغا ئوخشاش، پانۇسقىمۇ ئوخشايدۇ، يۈرەك
شەكىللىكىمۇ بار بولۇپ، رەڭگى كۆك، پىشقاندىن كېيىن قىزىل رەڭگە كىرىدۇ، ئادەتتە تەمى ئاچچىق.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى، غولى ۋە يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
پىشقاندا مېۋىسىنى ئۈزۈپ، مېۋىسى ئۈزۈلۈپ بولغان غولىنى يىغىپ، ئاپتاپتا
قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، يەلنى ھەيدەش، سوغۇقنى تارقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 4 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
تۆت گرام قىزىلمۇچنىڭ ئۇرۇقىنى ئېلىۋېتىپ، يۇمشاق سوقۇپ، 165 گرام ۋازېلىن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، مەلھەم قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا
چېپىپ بەرسە، قايرىلىپ، سۈرۈلۈپ زەخىملىنىش ۋە تېىرىسى تىتىلىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈچ تۈپ قىزىلمۇچ غولىنى 33 گرام كاۋا شۆپۈكى، ئۈچ تۈپ پېدىگەن غولى بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، يەرلىك ئورۇننى يۇيۇپ بەرسە، ئۈششۈكنىڭ
ئالدىنى ئالىدۇ.
بەش تال ھۆل قىزىلمۇچنى% 70 لىك ئىسپىرت ياكى كۈچلۈكرەك ھاراققا چىلاپ يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، ئۈششۈككە مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 تال قىزىلمۇچنى 33 گرام كاۋاۋىچىن بىلەن قاينىتىپ، ئاندىن قىزىلمۇچنى سۈزۈپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ، سۈيى بىلەن ئىسسىق
ئۆتكۈزۈپ بەرسە، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
130 گرام قۇرۇتۇلغان قىزىلمۇچ يىلتىزىنى 10 تال چىلان بىلەن قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قىزىلمۇچنىڭ ھۆل يوپۇرمىقىنى ئېزىپ لاتىغا ئوراپ، يەرلىك ئورۇنغا سۈركەپ بەرسە، جاھىل خاراكتېرلىك تەمرەتكىلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。