Uyghur主要词典
قازى
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھۆكۈم قىلغۇچى، سوتچى:
ھەمە زاھىد بىلە ئالىمۇ قازى،
بادىن قىلدى بۇلار راغىبۇ رازى.
موللا پازىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ھۆكۈم قىلغۇچى، سۇدىيە: قازيئۇلھاجات - پۈتكۈل ھاجەتلەرنى قاندۇرغۇچى(خۇدا)؛ قازىئۇلقوزات - سوت باشلىقى، باش قازى(سودىيە)؛ قازى ئەلەم - باش قازى( سوىيە)؛ قازى ئەسكەر - ھەربىي قازى (سودىيە).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى.
«ئاخۇنۇم» ئومۇمىي نام.
«قازى» يۇقىرى دەرىجىلىك سودىيە. «قازى قۇززات» مۇ دېيىلىدۇ.
«كالان» ھۆكۈم چىقارغۇچى، «قازى كالان» مۇ دېيىلىدۇ.
«مۇپتى» ھۆكۈمنى ئىجرا قىلغۇچى.
قازى بىلەن كېتەمسەن، مۇپتى بىلەن قالامسەن. دەۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتتەھەم بولار. كالان ئاخۇنۇم كانىيىنى ياغلايدىغانغا يان باسىدۇ. مۇپتىنىڭ مۇددىئاسىنى بىسمىللاسىدىن بىلگىلى بولىدۇ. مۇپتى پەتىۋا بەردى، قازى ھۆكۈم قىلىدى، ئەمدى گەپ رەئىستە قالدى. ئاران باققان كالامنى سويۇپ يېگەن ئاخۇنۇم.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قېزا.
ئادەمنىڭقېزىلىقى، ئاتنىڭ قېزىلىقى. يۇند قازىسى ياغ _يىلقىنىڭقېزىسى ياغدۇر. تۈركلەرئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ياغ مۇشۇ.
3 - 309
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى«شەرىئەتنى ئىجرا قىلىدىغان ئەمەلدار» دېگەنلىك بولىدۇ . قازى شەرىئەتكە ئاساسەن دىنىي سوراق قىلىدۇ ۋە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. قازىنى دۆلەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلىرى ۋەزىپىگە تەيىنلەيدۇ. قازى دىنىي فوند (ۋەخپە) نى، يېتىم - يېسىرلارنىڭ مال - مۇلكىنى باشقۇرۇشقا، تايانچىسىز ئاياللارغا نىكاھ ئەھدىسى تۈزۈپ بېرىشكە، نىكاھ ۋە ئۆلۈم مۇراسىملىرىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. بىر نەچچە خىل ئەھلى فىقھە تەڭ مەۋجۇت بولغان شەھەرلەردە ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قازىلىرى بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
تارس.ئۆتمەشتە شەرىئەت قانۇنى بويىچە دەۋا ئىشلىرىنى سورايدىغان ئەمەلدار.
قازى بولماق، * دەۋاگەر سۇس بولسا، قازى مۇتتەھەم بولۇپتۇ (ماقال) .
مەشرەپ، ئەلنەغمە ئويۇنلىرىدا باشقۇرۇش ۋە كەتكۈزۈپ قويغانلارنى جازالاشقا مەسئۇل بولغان كىشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
سودچى، كېسىم قىلغۇچى