Uyghur主要词典
قاۋۇل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنى ھۇزۇر، ھالاۋەتكە يەتكۈزىدىغان ھالەت، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش.
دۇنيادا ئىستىسەڭ بەخت ۋە سائادەت، قىلغىن سەپداشلار دىدارىنى ئادەت. سائادەتنىڭ يولى بىلىم بىلەن ئېچىلار. كەلمىگەن تەلەيدە ئاناڭنىڭ ھەققى بارمۇ؟ تەلەيدە بوڭ - بوڭ. تەلەيگە ئىشەنگىلى بولماس. بىر كىشى ئۈچۈن پەقەت بۇ ھۈنەر ئىقبال ئىشىكىنى ئاچار مۇقەررەر. قوناق كەلدى _ قۇت كەلدى. ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ. ئامەت ئوڭدىن كەلسە، تەلەي دۆڭدىن كېلەر. دۆلەت قۇشى قونماق. قېلىنلىق _ يېرىم دۆلەت. ئوشۇق دۆلەت باشنى يارماس. بىلىڭدە بار قۇۋۋىتىڭ قىلغىن غەيرەت، مۇشۇ ياشلىق زامانىڭ كاتنا بىر دۆلەت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
جىسمانەن گەۋدىلىك ۋە كۈچلۈك.
«گوسمۇس» قەشقەر شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
«ئاپىتوللۇغ» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
قاۋۇل ئالتە بالىنى ئىشچان ئانا باقار. بەرنا يىگىت - ئالتۇنغا بەرگۈسىز يىگىت. زەبەردەس بىر ئادەم ئىشك باقار ئىكەن. تەمبەل تەنگە باغلىق. گەۋرى بىلەن چېلىشما، بەگ بىلەن ئېلىشما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرلىك.
ئاجىز، زەئىپ، پۈۋ دېسە ئۇچۇپ كېتىدىغان
كۈچ - قۇۋۋىتى يېتەرسىز.
قاۋۇل ئالتە بالىنى ئىشچان ئاتا باقىدۇ. تەمبەل تەنگە باغلىق. تېمەن تېنىمەس. زەبەردەست يىگىت دۈشمەنگە تەسلىم بولمايدۇ. ئاجىز دۈشمەنمۇ يادىڭدا بولسۇن. كېسەل ئاجىزغا ئېجىل. قالىغاچ قارا نېمە، قاناتىدىن ئايرىلمىسۇن، قىز بالا ئاجىز نېمە، ئاناسىدىن ئايرىلمىسۇن. زەئىپ بولساڭمۇ رەزىل بولما. ئۇ پۈۋ دېسە ئۇچۇپ كېتىدىغان ئاجىز ئادەم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
جان ت بەستلىك، ساغلام؛ كۈچلۈك.
قاۋۇل ئادەم.* ئەخمەتجان قاۋۇل قوللىرىنى شىلتىپ سۆزلەيدىغان، ئېگىز بوي، ئاق يۈزلۈك يىگىت ئىدى.
چىرايلىق، كېلىشكەن، گۈزەل.
ئاق دوپپىسى بىلەن ئاق خەسە كۆڭلىكى ئۇنىڭ كەڭ قاۋۇل بەستىگە خويمۇ ياراشقان بولۇپ، چىرايىدىن كۈلكە يىغىپ تۇراتتى.
كۆچمە. ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان.
- بىزمۇ ئەسلى قاۋۇل خەلق ئىدۇق. جاھاننىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئالتۇندەك بىپايان تۇپراقتا چېدىر - بارگاھلارنى قۇرۇپ قەلئە - شەھەرلەرنى سېلىپ ئۆز - ئۆزىمىزگە خوجا بولۇپ، ئۆز - ئۆزىمىزنى سورىغان خەلق ئىدۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
<قابىل>