Uyghur主要词典
قاتتىق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈزۈلۈشى ياكى ياسىلىشى جەھەتتىن چىداشلىق.
يۇمشاق، بوش ، نازۇك
تۈزۈلۈشى ۋە ياسىلىشى جەھەتتىن چىدامسىز.
باش تاشتىن چىڭ ئەمەس. يەپ تۇر، بەك تۇر. ئاغزى يۇمشاق گۆش يەپتۇ، ئاغزى قاتتىق مۇشت. قاتتىق چىش سۇنار، يۇمشاق تىل قالار. قاتتىق ياغاچنى يۇمشاق قۇرت يەر. قاتتىقتىن چىش ئاغرىسا، يۇمشاقتىن ئىچ ئاغرىيدۇ. موللام پۇلنى دوست تۇتماس، تۇتسا بوش تۇتماس. ئۈچ ئۆرۈمە ئارغامچا پىششىق بولار. قۇلۇپتىن ئاچقۇچ پۇختا. قوتىنىڭ مەھكەم بولسا، بۆرە كىرەلمەس. ئادەم تاشتىن قاتتىق، گۈلدىن نازۇك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ شەكلى ۋە ھەجىمىنى ساقلىيالايدىغان، سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرى بىلەن ئاسانلىقچە ئېزىلمەيدىغان، سۇنمايدىغان، ئوشتۇلمايدىغان؛ مەھكەم، چىڭ.
قاتتىق نان. قاتتىق جىسىم.
ئاسمان يىراق يەر قاتتىق(ماقال).
بەدەنگە، سىرتقى ئەزالارغا يۇمشاق ئۇرۇلمايدىغان، يۇمشاق ئەمەس.
قاتتىق خېمىر. قاتتىق ياستۇق.
بىر كۈن قاتتىق كارىۋاتتا يېتىپ ھېچنېمىنى تۇيماي ئوخلاپتىمەن.
كۆپ كۈچ، ئەجىر تەلەپ قىلىدىغان، قىيىن، ئېغىر، جاپالىق.
قاتتىق ئىش. قاتتىق ئەمگەك.
مەھكەم، پىششىق، چىڭ.
قاتتىق تۈگۈنچەك. قاتتىق تاسما.* قاتتىق باغلىماق.
سۈرئىتى، شىددىتى زور؛ كۈچلۈك، شىددەتلىك.
قاتتىق بوران. قاتتىق يامغۇر. قاتتىق سوغۇق. قاتتىق زەربە. قاتتىق جەڭ. قاتتىق ئۇرۇش.
قۇلاققا ئۈنلۈك ئاڭلىنىدىغان، يۇقىرى، ياڭراق.
قاتتىق ئاۋاز.
شۇ ئارىدا، ئالدى تەرەپتىكى ئېدىرلىقتىن قاتتىق ۋاراڭ - چۇرۇڭ ئاڭلىنىپ قالدى.
ئادەتتىكىدىن ئارتۇق دەرىجىدە، ھەددىدىن زىيادە، كۈچلۈك.
قاتتىق ئۇيقۇ. قاتتىق ئازاب. قاتتىق ھاياجان.* قاتتىق چۆچۈمەك. قاتتىق شورىماق. قاتتىق ئېچىنماق. قاتتىق قورقماق. قاتتىق چارچىماق.ئىزاھاتى ؛جىددىي، شەپقەتسىز.
قاتتىق تەنقىد. قاتتىق جازا.* قاتتىق تەنقىدلىمەك. قاتتىق ئاگاھلاندۇرماق.
قەتئىي رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدىغان، مۇستەھكەم، بۇزۇلماس.
قاتتىق ئىنتىزام. قاتتىق تەرتىپ. قاتتىق تەلەپ.
ئۆزگەرمەيدىغان، بەرقارار، مۇستەھكەم، قەتئىي.
قاتتىق ئىشەنچ، قاتتىق ئىرادە.* ئۇ مۇنداق كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ.
كىشىگە ئېغىر تۇيۇلىدىغان، كۆڭۈلنى رەنجىتىدىغان، شەپقەتسىز.
قاتتىق مۇئامىلە. قاتتىق ئاھانەت - قاتتىق گەپ.
خەتەرلىك، ئېغىر، جىددىي.
قاتتىق كېسەل.* ياسىن بۇ قېتىم قاتتىق ئاغرىغانىدى.
كۆچمە. بېخىل، پىخسىق: تۇردى ئاكام قاتتىق بىر ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەنلەرمۇ سوغۇق سۈيىگە ئېغىز تېگەلمەيدىكەندۇق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قاتتىق، چۇس، كەسكىن.