قاسىرماق[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پولۇ، گاڭپەن قاتارلىق تاماقلارنىڭ قازاننىڭ تېگىگە چاپلىشىپ پىشقان قاتتىقراق قىسمى؛ قىرماق، قازان تېگى:[مىسال:] پولۇنىڭ قاسىرمىقىنى يېمەك.[يەشمىسى:] ② دەرەخ ۋە شۇنىڭدەك نەرسىلەرنىڭ سىرتقى قەۋىتى، پوستى؛ قاسىراق:[مىسال:] تېرەكنىڭ قاسىرمىقى. تالنىڭ قاسىرمىقىنى سويماق.