Uyghur主要词典
قاسماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چاڭ - توزان ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەردىن پەيدا بولغان يىرگىنچلىك نەرسە.
«توڭرا»، «قاسماق» كىرنىڭ قاتمۇقات توپلىنىشى.
«قىھخە» كىچىك بالىلارغا ئېيتىلىدۇ.
«زاڭگار»، «گارا» تۇرپان ۋە قۇمۇل شېۋىلىرىدە قوللىنىلىدۇ.
«ھېلىلىق» خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
يۈزۈڭ كىر بولسا، ئەينەكتىن كۆرمە. چىۋىن مەينەت نېمە ئۇ قونغاننى يۇماي نېمە. كەت مەينەت، كەل دۆلەت. قوي ئۆز ئايىغىنى پاسكىنا قىلار. ئادەم سۇنى ئىپلاس قىلار، سۇ ئادەمنى پاكىز قىلار. توڭرا باسقان قولۇڭنى داستىخانغا سونما. يۇيۇنمىساڭ، بەدىنىڭىدىكى كىر قاسماق بولىدۇ. ھاي بالام. ئۇنى يېمە، قىھخە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بۇلغانغان، چاڭ - توزان قونغان، داغ - دۇغ ئارىلاشقان.
تازا، پاكىز، ئېرىغ، پاك
چاڭ - توزان قونمىغان، داغ - دۇغ ئارىلاشمىغان، بۇلغانمىغان.
قولۇم تازا بولسۇن دېگۈچە، كۆڭلۈك تازا بولسۇن دە. بۇلاقنىڭ كۆزى پاكىز بولسا، سۈيى تازا بولار. ئاق بولمىسىمۇ پاك بولسۇن. ساپ ھاۋا تەنگە داۋا، ئېرىغ سۇ تەنگە شىپا. قوي ئۆز ئايىغىنى پاسكىنا قىلار. ئىتنىڭ ئاغزى تەگكەنگە دەريا سۈيى ئىپلاس بولماس. كىر يەڭنى يۇغانسېرى كىر چىقار. مەينەت قولۇڭنى تازا ئاشقا سۇنما. قاسماق قايناتمىغۇچە ئېرىمەس. توڭرا توڭدىن يامان.
شىۋىلەر
يوغان _ يوغان چىشلەپ يىمەك. مەسىلەن: ئىتلار سامسىنى ئىككى قاساپلا يۇتۇۋەتتى؛ ئۇ قولىدىكى ناننىڭ يېرىمىنى ئىككى قاساپلا يەۋەتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
بەك كىرلىشىپ كەتكەن، مەينەت.
ئۇنىڭ شەپكىسى قاسماق يەنە چاپىنىنىڭ بىرمۇ تۈگمىسى يوق.
ئۇنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىمۇ قاسماق باسقان ھەم ئاۋارە ئىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
چىشلەپ، ئۈزۈپ ئالماق؛ غاجىماق.
ئۇ قولىدىكى ناننىڭ يېرىمىنى ئىككى قاساپلا يەۋەتتى.
كۆچمە. ئارقىسىدىن يامان گېپىنى قىلماق، غەيۋەت قىلماق، تىللىماق.
مەن تۇرمۇشتا بىر - بىرىنى پۇتلاش، غاجاش، قاساشلارنىمۇ شۇ ئىنسانلار ئارىسىدا ئۇچرىتىپ تۇرۇپتىمەن.