Uyghur主要词典
قاشلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىچىشقان يەرنى قول ياكى بىرەر نەرسە بىلەن سۈركىمەك
يارىنى تاتىلىساڭ قانايدۇ. ئۇنىڭ ئاغزىنى تاتىلاپ نېمە قىلىسەن؟ دوست سۆزىنى تاشلىما، تاشلاپ، بېشىڭنى قاشلىما. بېشى قىچىشساپۇتىنى قاشلاپتۇ.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
قىر سالماق، قاش سالماق. مەسىلەن:
ئېرىقىڭغا سۇ كەلدى،
چۆرىسىنى قاشلىۋەت.
يېڭى يارىڭ مەن بولاي،
كونىسنى تاشلىۋەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئادەم بەدىنىنىڭ قىچىشقان يېرىنى ياكى ئات، ئېشەك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرەر يېرىنى قول ياكى قاشلىغۇچ بىلەن تاتىلىماق.
باشنى قاشلىماق.
ئەخمەق ئۆتۈكنىڭ تېشىدىن قاشلار (ماقال).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
قاش پەيدا قىلماق، قاش ياسىماق، قاشنى ئېگىزلەتمەك، قىرلىماق.
دەريانىڭ قېشىنى قاشلىماق.
ئېتىزنىڭ قىرىنى قاشلىماق.