Uyghur主要词典
قارغىش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ دىلىغا تېگىدىغان يامان سۆز.
تىغ يارىسى ساقىيار، تىل يارىسى ساقايماس. تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن. تىلى ئۇزۇننىڭ دىلى قىسقا. تەقدىر راستچىل ئادەمنى ھاقارەتكە قويماس. قارغىش ئالغۇر. ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس. سۆكۈش يولسىزنىڭ ئىشى، يولسىزلىقنىڭ بەلگىسى. يالغان ئېيتقان ئۆزى ئاھانەتكە قالار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئېغىر ئەيىب، جىنايەتچىلەرگە قارىتا ئىچ - ئىچىدىن يىرگىنچ تۇيغۇسى.
ناھەقچىلىككە لەنەت. مۇھەببەتنى بىلمىگەن نەپرەتنىمۇ بىلمەس. ئوغرى تويغۇچە يەيدۇ، ئۆلگىچە قارغىش ئالىدۇ. ئاتا قارغىشى ئوق، ئانا قارغىشى دوق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قارغىش، لەنەت.
تەڭرى قارغىشى ئانىڭ ئۈزە _ تەڭرىنىڭ قارغىشى ئۇنىڭ ئۈستىگە (ياغسۇن). بۇ سۆز بەزىدە سۈپەت مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: قارغىش كىشى _ قارغىش ئادەم، يەنى قارغىش تەككەن ئادەم.
1 - 601
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قارغاش ئىشى.
قارغىشقا قالماق. قارغىش تەگكۈر. قارغىش ئالماق. قارغىش تەگمەك. قارغىشقا كەتمەك.* ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس (ماقال).