Uyghur主要词典
قارغا
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قارغا ~ قاغا.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قارغا قارىسىن كىم بىلىر كىشى ئالاسىن كىم تاپار _ قارغىنىڭ قېرىسىنى كىم بىلەر، كىشىنىڭ ئالىسىنى كىم تاپار. قارغىنىڭ قېرىسىنى كىم تونۇيالايدۇ، ئادەمنىڭ ئىچىدىكىنى كىم بىلەلەيدۇ. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قارغا قالى بىلسە مۇڭىن ئول بۇز سوقار
ئاۋچى ياشىپ تۇزاق تابا مەڭگە ياقار
قارغا (ئاچلىق - تەشنالىق) دەردىنى بىلسە ئۇ مۇز چوقۇيدۇ،
ئوۋچى يوشۇرۇنۇپ ياتسا، تۇزاقتىكى دانغا يېقىنلىشىدۇ.
قارغا ئاچلىق - تەشنالىق دەردىنى سەزسە. مۇزنى چوقۇيدۇ، يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئوۋچىنى كۆرمەي، ئۇنىڭ تۇزىقىدىكى داننى يەيمەن دەپ بالاغا قالىدۇ.
1 - 554
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قاغا