Uyghur←Chinese主要词典
قارا قوي سۇلالىسى
دۇنيا تارىخى
黑羊王朝
hēi yáng wáng cháo
ئىراننىڭ غەربىي قىسمدىكى فېئودال سۇلالە. تۈركمەن كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىسى قۇرغان. ئۇنىڭ بايرىقىغا قارا قوينىڭ رەسمى سىزىلغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. قارا قوي تۈركمەنلىرى ئەسلىدە ۋان كۆلىنىڭ شەرقىدىكى جايلارغا ئولتۇراقلاشقان. 1410 - يىلى ئەزەربەيجاننىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئەرمىنىيە، كوردىستان، ۋە ئىراقلارنى تارتىۋالغان. تەبرىزنى پايتەخت قىلغان. ئۇلار ئىسلام دىنىنىڭ شىئە مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلاتتى. شەرقتە تېمور ئىمپېرىيىسى بىلەن سوقۇشۇپ، 1435 - يىلى شاھروھ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئىتائەت قىلىشقا مەجبور بولغان. كېيىن تېمور ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىراننىڭ غەربىي قىسمىنى تارتىۋالغان. 1468 - يىلى ئاق قوي سۇلالىسى تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان.