Uyghur主要词典
قارانچۇق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۆز - قۇلاق بولغۇچى، قارىغۇچى:تۈكلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان كالتە قۇلاق بۇ كۈچۈك شۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بىردىنبىر ھەمراھى، بىردىنبىر سىردىشى ۋە بىردىنبىر قارانچۇقى ھېسابلىناتتى.
زىرائەتلەرنى ئۇچار قۇشلارنىڭ، بەزى ھايۋانلارنىڭ يەپ كېتىشى، بۇزۇۋېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئېتىزنىىڭ ئىچىگە تىكىپ، ئۈستىگە كونا كىيىم - كېچەكلەرنى كىيدۈرۈپ ئادەمگە ئوخشىتىپ قويۇلىدىغان بىر خىل جازا، شەكىل.
ساتمىسىدا ئادەم تۈگۈل، بىرەر قارانچۇقمۇ كۆرۈنمەيدىغان قۇغۇنلۇقلار مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى.
كۆچمە. رەسمىيەت ئۈچۈنلا قويۇلغان، ھېچقانداق رولى يوق نەرسە.
ئۇنىڭ ھېچنېمىگە كۈچى يەتمەيدۇ. ئۇ پەقەتلا بىر قارانچۇق.