Uyghur主要词典
قارا جۈمە
دۇنيا تارىخى
1921 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى (جۈمە)، يەنى ئەنگلىيەنىڭ ھازىرقى زامان ئىشچىلار ھەرىكىتى ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان كۈننى كۆرسىتىدۇ. 1920 - يىلى 7 - ئايدا، ئەنگلىيىدىكى ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان كان ئىشچىلىرى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش ۋە كۆمۈر باھاسىنى چۈشۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، ئىش تاشلاش قارارىنى ماقۇللىغان ۋە ئۈچ بۇرجەكلىك ئىتتىپاققا قاتناشقان تۆمۈر يول ئىشچىلىرى ۋە ترانسپورت ئىشچىلىرنىڭ ئاۋاز قوشۇشىنى مۇراجىئەت قىلغان ھەمدە 11 - ئايدا ئىش تاشلىغان. 1921 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئەنگلىيە دائىرلىرى ئۇرۇش ۋاقتىدا يولغا قويۇلغان دۆلەتنىڭ كۆمۈر سانائىتىگە نازارەت قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1921 - يىل 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كان خوجايىنلىرى ئىتتىپاقى تىجارەتنى توختىتىپ، ئىشچىلارنى تۆۋەنلىتىلگەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىنى قوبۇل قىلىشقا قىستاپ، مىليونلىغان كان ئىشچىلىرىنى زىيانغا ئۇچراتقان. كان ئىشچىلىرى يەنە ترانسپورت ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن تۆمۈر يول ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. ئەمما بۇ ئىككى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئەسلىدە مەدەت بېرىش ئىش تاشلىشى ئۆتكۈزۈش بەلگىلەنگەن 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى (جۈمە) دە ئىش تاشلاشنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغنلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇنىڭ بىلەن كان ئىشچىلىرى بىرلەشمىسى يېتىم ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ،كۈرەش مەغلۇپ بولغان. بۇ ۋەقە ئۈچ بۇرجەكلىك ئىتتپاقنىڭ يىمىرىلىشىگە ئېلىپ بارغان.