Uyghur主要词典
قارا
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . چېنە، ئاماچ.
قارىغا ئاتماق. * قارىغا تەگمەك. * قارىغا ئېتىش مەيدانى.
2 . سايا، كۈلەڭگە. كۆزۈمگە غىل - پال بىر قارا كۆرۈندى. * ئەمدى ساڭا قارامنىمۇ كۆرستمەيمەن.
3 . مۇسىبەت، ماتەم، ھازا. قارا تۇتماق، قارىسىنى يەشمەك، قارا باغلىماق. * ھالال مىلىم، ئاق مىلىم، قارا كۈنگە ساقلىدىم.
4 . كۈيە، قۇرۇم. قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يالىسى (ماقال) .
5 . يالا، تۆھمەت، بوھتان. قارا چاپلىماق، قارا سۇۋۇماق. * قارىلىماق.
6 . ئەيىب، گۇناھ. قارا بولۇپ قالماق. * يا ئاق قىل، يا قارا قىل (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
1 . قارىمۇقنىڭ رەڭگى، كۆمۈر ياكى قازان كۈيىسى رەڭگىدىكى. ئانتونىمى: ئاق.
قارا چاچ، قاراقاش، قارا تاختا. * قارا ھەرپ. * كۆمۈرگە قارا يۇقماس (ماقال) .
2 . چوڭ، ئۇلۇغ. قارا خان، قارا شەھەر، قارا مال، قارا ماشىنا، قارا ئورمان.
3 . مۇدھىش، دەھشەت، قاتتىق. قارا كۈچ، قارا يامغۇر، قارا قىش، قارا قۇيۇن، قارا بوران، قارا كېزىك، قار چېچەك، قارا بەزگەك.
4 . يامان، قەبىھ. قارا كۆڭۈل، قارا نىيەت، قارا يۈز، نىيىتى قارا، كۆڭلى قارا، يۈزى قارا.
5 . يوشۇرۇن، مەخپىي. قارا ئىسىملىك، قارا گەپ، قارا قول.
6 . يىرىك، تۆۋەن دەرىجىلىك. قارا ئاش، قارا چىراغ، قارا مىلتىق، قارا ئىش، قارا لاي، قارا سوۋاق، قارا ئۆي.
7 . بىلىمسىز، ساۋاتسىز. قارا قۇرساق، قارا تۈرۈك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قارىماق، قاراش. 1 . نەزەر سالماق، باقماق، كۆرمەك.
ئاسمانغان قارىماق، يەر ئاستىدىن قارىماق، يەرگە قارىماق، دېرىزىدىن قارىماق، سۆزىگە قارا (ماقال) . * قارىغانغا بەرمەيدۇ، گۆش بىلەن ياغنى پۇلغا ئالغان.
2 . خەۋەر ئالماق، كۈتمەك. كېسەلگە قارىماق. * ئاتا - ئانىغا قارىماق _ بالىنىڭ ھەققى.
3 . بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق. ئۇ ماڭا قارايدۇ. * كىشىنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئامالسىز. * كىشىنىڭ قولىغا قارىغان ئاچ قالار (ماقال) .
4 . كۈتىمەن، ساقلىماق. بىز ساڭا قاراپ تۇرۇۋاتىمىز. * مېھمانلار ئۆزلىرىگە قاراپ قالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
قارىماق، قاراش. تەۋە بولماق، قاراشلىق بولماق.
ئاقچى ناھىيسى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدۇ. * مەكتىپىمىز شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىغا قارىماقچى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
رەۋىش.
1 . شۇ بويىچە، ئاساسلىنىپ، ئاساسەن.
ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرەيلى. بىز ئۇنىڭ رايىغا قاراپ گەپ قىلايلى. * سەن باشلىقنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇت.
2 . ھېسابلىماق، سانىماق. مەن ئۇنىڭ پىكرىنى توغرا دەپ قارايمەن. * بىز ئۇلارنى ياخشىلار قاتارىدا قارىشىمىز لازىم.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قارا، قارارەڭ:
قاراڭغۇ، قاراڭغۇلۇق:
1. قارا زۇلفى بىلە كۆزى خۇش ئېرۇر،
چۇ تەرار ئىلە دۇر ئەييار ياىشى.
ھاپىز خارەزمى.
2. ئويۇن ئويناپ تەمامى جەمئ بولۇپ،
قارا تۈندە بىرى چۈن شەمئ بولۇپ.
موللا پازىل.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قارا؛ پۇقرا، ئاممە، خەلق.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىرەر مۇددىئا بىلەن بىراۋغا چاپلىغان يوق جىنايەت.
خۇشامەت، يالاقچىلىق، تەخسىچىلىك
بىرەر تەمە بىلەن بىراۋغا قىلىنغان غەيرىي تەبىئىي مۇئامىلە، كۈچۈكلىنىش.
خۇشامەت قىلالىغان كىشى تۆھمەتمۇ قىلالايدۇ. يالاقچىلىق قىلغان يالمۇ چاپلايدۇ. تەخسىچىلىك قىلغان قارا چاپلاشنىمۇ بىلىدۇ. خۇشامەت قىلىش - ھاقارەت قىلىش بىلەن باراۋەر. خۇشامەت - يېرىم تىل - ئاھانەت. خۇشامەت، يالاقچىلىق، تەخسىچىلىك ئۆزىگە لايىق بولمىغان نام - ئورۇن، شان - شۆھرەتكە ئېرىشىشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يوقىلاڭ باھانىلارنى تېپىپ، كىشىنىڭ نام _ نىشانىغا داغ تەككۈزۈش، زىيانكەشلىك.
تۆھمەتتە ھەقىقەت يوق، يالغاندا لەززەت .بوھتان يىلاندەك ئۆمىلەپ كېلىدۇ. تاپقىنى تۆھمەت _ قارا، قىلغىنى زەخمەت _ يارا. يارنىڭ يالىسى تۈگىمەس. شىلتاق چاپلانسا، يۇماق تەس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئوق ئېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسە.
ھەر ئوقنىڭ نىشانغا تېگىشى ناتايىن. قارىغا قارىلاپ ئات. چىداپ چېنىقساڭ، چېنەك ئالدىڭدا.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قارا.
خاقانىيە خانلىرى « قارا» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. « بۇغرا قارا خاقان _ بۇغرا قارا خاقان» دېگەندەك. بۇ ھەقتە بىر ھېكايە بار. قاراقۇش _ قارا قۇش، بۈركۈت. قارا قۇش _ مۇشتەرى يۇلتۇزى. بۇ تاڭ ۋاقتىدا چىقىدۇ. بەزىدە « قارا قۇش يۇلدۇز» دېيىلىدۇ. قارا قۇش _ تۆگە تاپىنىنىڭ چۆرىسى. قارا ئورۇن _ گۆر. شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
بەرمىش سەنىڭ بىل
يالىڭۇق تاپار قارىنقا
قالمىش تاۋار ئازىننىڭ
كىرسە قارا ئورۇنقا
بىلگىنكى، بەرگىنىڭ ئۆزەڭنىڭدۇر،
ئادەم قارنى (قورسىقى) غا تاپىدۇ،
قېپقالغان مال كىشىنىڭكى،
قاراڭغۇ يەر (گۆر) گە كىرگەندە.
بىلگىنكى، بەرگىنىڭ ۋە يىگىنىڭ ئۆزەڭنىڭدۇر،
چۈنكى ئادەم ئۆزىنىڭ قورسىقى ئۈچۈن ئىشلەيدۇ؛
ئادەم قارا يەرگە كىرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قالغان مال - مۈلكى باشقىلارنىڭ بولىدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى« قارا ئورۇن _ قاراڭغۇ يەر» دۇر. قارا باش _ قارا باش. قۇللارنى ئاتاش ئۈچۈن ئېيتىلدىغان سۆز. ئەر ۋە ئاياللارغا ئوخشاش ئېيتىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى «قارا باش» دېگەن بولىدۇ. قارا ئوت _ قارا ئوت، ئاق پارپا. بۇ بىر خىل زەھەرلىك ئوت. قارا ياغ _ قارا ياغ (قارىماي)، نېفىت. قارا سەڭىر _ قارا سەڭىر. بارسغاندىكى بىر يەرنىڭ ئېتى. قارا ئېتمەك _ قارا ئەتمەك. ناننىڭ بىر خىلى. بۇ مۇنداق تەييارلىنىدۇ: گۆش ئېزىلگۈچە پىشۇرۇلىدۇ، كېيىن ئۈستىگە سېرىق ياغ، شېكەر قويۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇلغۇچە قاينىتىلىدۇ، ئاندىن يېيىلىدۇ. بۇ سۆز « قارا قۇرا _ قارا - قۇرا» شەكلىدە جۈپ سۆز بولۇپمۇ قوللىنىلىدۇ.
ئوغۇزچە.
3 - 305
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قارا؛ پۇقرا، خەلق؛ مىللەت؛ يىلقى قارا _ پادا، چارۋا توپى
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئۆي ھايۋىنى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوق ئاتقاندا چەنلىنىدىغان نەرسە، نىشان.
قارىغا ئالماق. قارىغا ئاتماق.
ئوق ئېتىشنى مەشىق قىلغاندا چەنلىنىدىغان قارا تاختا. يۈزىدە رەت تەرتىپى سىرتىدىن ئىچىگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئون دانە مەركەزداش چەمبەر بولۇپ، ھەربىر چەمبەر بىردىن نومۇرغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 10 - چەمبەر ئۇنىڭ ئەڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئاتقاندا ئوق 10 - چەمبەرگە تەگسە، دەل تەگكەن بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. كۆمۈر ياكى قازان كۈيىسى رەڭگىدىكى، <ئاق> نىڭ ئەكسى.
قارا چا. قارا قازان. قارا تاش.
ئى. كۆچمە. تۆھمەت، بوھتان، بەتنام.
قارا چاپلىماق.
ئى. كۆچمە. كۆلەڭگە، سىما، سايە؛چىراي - شەكىل.
قارىسى كۆرۈنمەك.
ھايايىمدا بالا قارىسى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، كۆز ئالدىمدىكى سۆيۈملۈك پەرزەنتىمنى ياخشى كۈتۈۋالغۇم كەلدى.
سۈپ كۆچمە. زۇلمەتلىك، ئازاب - ئوقۇبەتلىك، مۇشەققەتلىك، ئېغىر قىيىنچىلىقلاردا ئۆتكەن.
ئۇ نېمە قىلىشىنى، خورلانغان، ھاقارەتلەنگەن قىزىنى قايسى يوسۇندا بەزلەشنى، بۇ قارا كۈنلەرنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيتتى.
سۈپ. كۆچمە. بەخىتسىز، تەتۈر، شور، ئوڭ كەلمىگەن.
قارا پېشانە. قارا تەقدىر.
سۈپ. كۆچمە.ياۋۇز، ۋەھشىي؛ ئادالەتسىز.
قارا كۈچ. قارا سىياسەت.
سۈپ. كۆچمە. ھېچنېمىسى، ئۇرۇق - تۇغقان ياكى مال - ئوقىتى يوق؛
قارا يىتىم.
ئى. كۆچمە. كۆزنىڭ قارىچۇق قىسمى.
ئەي يۈرىكىمنىڭ پارىسى، ئىككى كۆزۈمنىڭ قارىسى، سېنىڭ ئىشىڭ كۆڭلۈمنى مۇھەببەت قارمىقىغا ئېلىۋالدى.
ئى. كۆچمە.قازان قاتارلىقلارنىڭ ئاستىنقى يۈزىدە ئوت كۆيگەن چاغدا پەيدا بولىدىغان قارا رەڭلىك پاراشوكسىمان نەرسە؛ ڭۈيە.
ئۇ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆگزىگە چىقىپ بىر پارچە ئەينەككە قازان قارىسى سۈركەپ قۇياشقا قارىدى.
ئى. كۆچمە. ياغاچچىلىقتا قارا بويالغان ئىنچىكە يىپ بىلەن ياغاچنىڭ يۈزىگە چېكىپ چىقىرىلغان سىزىق، ئىز.
ئۇستىسىنىڭ سۆزلىرى ئاڭا ياقمىدى، شۇڭلاشقىمۇ ياغاچنىڭ قارىسىنى ئۇنتۇپ رەندە سېلىۋەردى.
ئى. كۆچمە. گۇمان، شەك، داغ.
كۆڭۈللەر ئارا قالمىسۇن قارا، سىناشقا يارا ھەقنى مىزان قىل!
ئى. كۆچمە. ئۆلۈم - مۇسىبەت ئىشلىرىدا مۇسىبەت ئىگىلىرى ئۆز قايغۇلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان، قارا رەختلەردىن تىكىلگەن قارىلىق كىيىم؛ قارا لاتا.
بىلىكىگە قارا باغلىماق.
ئى. كۆچمە. توغرا بولمىغان، خاتا، ناھەق ئىش - ھەرىكەت.
- ئەمدى چوڭ بولۇپ قالدىڭىز، ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئېتىپ ئىش قىلىڭ، - دېدى ئۇ قىزىنى ئەيىبلەپ.
ئى. كۆچمە. ئۆلۈم - مۇسىبەت ۋاقتى، قازا تاپقان كىشىگە تۇتۇلغان قايغۇ - ماتەم مەزگىلى.
قارىسىنى سۇندۇرماق.
ئى. كۆچمە. شاھمات تاختىسىدىكى قارا بويالغان كاتەكچە.
- ھەي، نېمە قىلىۋاتىسەن، ئاقتا تۇرغان ئات يەنە ئاققا چۈشەمدۇ؟ تۈز ماڭمامسەن، ئاقتىكى ئات قارىغا چۈشىدۇ جۇمۇ! - دېدى ئۇ باتۇرغا ھومىيىپ.
ئى. كۆچمە. شاھمات ئويۇنىدىكى قارا رەڭلىك ئۇرۇقچىلار.
- قارىنى ئالامسەن، ئاقنىمۇ؟ - دېدى ئۇ مەندىن سوراپ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
قارا رەڭ؛ پۇقرا، خەلق، مىللەت؛ ئۇلۇغ كاتتا، چوڭ
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئۇلۈغ، كۈچلۈك، زور.