قاپسىماقⅠ[سۆز تۈركۈمى:] پېئىل. [يەشمىسى:] ① ئەتراپنى قورشىماق، مۇھاسىرىگە ئالماق:[مىسال:] ئوسمان بىرنەچچە سەردارلىرى بىلەن بەھرامنى ئوتتۇرىغا قاپسىۋالدى. [يەشمىسى:] ② ئالدىنى تورىماق، بىر يەرگە قىستاپ قويماق، قىستىماق:[مىسال:] كېۋىرئاخۇن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن چىقتى ۋە ئىشىك ئالدىنى قاپساپ تۇرغان مەنسۇر، زايىت ۋە مامۇتلارنى كۆردى. [يەشمىسى:] ③ [كۆچمە مەنىسى:] [يەشمىسى:] چىرمىۋالماق، قاپلىماق:[مىسال:] مېڭەمنى قاراڭغۇ تۇمانلار قاپسىۋالدى.