Uyghur主要词典
قاپاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئادەم ۋە ھايۋاننىڭ كۆزلىرىنى قاپلاپ، ئېچىلىپ - يېپىلىپ تۇرىدىغان، قىرىدا كىرپىك بولغان ئەزاسى.
بادام قاپاق، يالاڭ قاپاق، قوش قاپاق. * قاپاق تارتماق، قاپاق تۈمەك، قاپىقى يامان، قاپىقىدىن قار ياغىدىغان، قاپىقىنى سۈزمەك. * قاپىقى جۇت قىچقىرىدۇ، كالپۇكى يەر سۈپۈرىدۇ (تەمسىل) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
پېلىكى ئۇزۇن، يۇپۇرمىقى شالاڭ، چېچىكى ئاق، بىر يىللىق سامان غۇللۇق ئۆسۈملۈك ۋە ئۇنىڭ ھوسۇلى. باراڭدا پىشىدۇ، بوغماق، ئىچى كاۋاك كېلىدۇ، تۈرى كۆپ.
بوغما قاپاق. * ناسۋال قاپاق. * تۈزلۇق قاپاق. * قاپاقتىن سۈ تۆكۈلگەندەك. * ناسۋال قاپاققا نان بارمۇ؟
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كۆز قاپىقى.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاپاق.
كۆز قاپاقى _ كۆز قاپىقى.
1 - 496
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قاپاق.
قاتمىغان ۋاقتىدا يېيىلىدىغان ھۆل قاپاق.
1 - 496
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىزلىق.
قىزنىڭ قىزلىقى. قىز قاپاقى سىدى _ قىزنىڭ قىزلىقى ئېلىندى.
1 - 496
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق، قاپاققا ئۇرۇقداش ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولى
يەر بېغىرلاپ، يوپۇرمىقى يۈرەك شەكلىدە نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ. گۈلى ئاق، مېۋىسىنىڭ ئوتتۇرىسى ئىنچىكە بولۇپ، ئىككى دانە شارنى ئۇلاپ
قويغاندەك كۆرۈنىدۇ، سىرتى سىلىق كېلىدۇ. بىرىنچى خىلى كاۋا ئورنىدا سەيگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىككىنچى خىلى ئاچچىق قاپاق بولۇپ، دورىغا ۋە باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاق، نازۇك، يېڭى، شېرىن، يىپسىز، چوڭ - كىچىكلىكتە ئوخشاش بولغىنىدۇر.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا، مېۋىسى (قاپىقى)نى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل سوغۇق.
چوڭ تەرەتنى يۇمشىتىپ، ھارارەتنى پەسەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سۈيدۈك ھەيدەش، بەدەندىكى
سېرىقلىقنى يوقىتىش، ئىسسىقتىن بولغان تەپلەرنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
قاپاقنى ھۆل مېۋىلەر بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تەپ، ئۆتكۈر بەزگەك كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قاپاقنى سىركە بىلەن بادام يېغىدا قورۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ساپ خىلىت پەيدا قىلىدۇ.
قاپاقنىڭ سىقىلغان سۈيىنى قىز تۇغقان ئاياللارنىڭ سۈتى بىلەن قوشۇپ قۇلاققا ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان قۇلاق،
بۇرۇن ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
قاپاقنى قىرىپ قىرمىقىنى باشقا قويۇپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، نېرۋا ئاجىزلىق، ئىسسىقتىن بولغان ئىششىق، مېڭە
قۇرغاقلىقتىن بولغان ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قاپاقنى ئېزىپ پېشانىگە چېپىپ بەرسە، بالىلار ۋە چوڭلاردىكى ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقى، دىماغ، مېڭە ئاغرىقى ۋە ئۇيقۇسىزلىق
قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قاپاقنى ئېزىپ كۆزگە قويۇپ بەرسە، كۆزنىڭ ئىسسىقتىن بولغان ئىششىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام قاپاقنى سوقۇپ سۈيىنى سىقىپ ئىچىپ بەرسە ياكى بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
خام قاپاقنىڭ سۈيى بىلەن غار - غار قىلسا، ئىسسىقتىن بولغان گال ۋە چىش ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ.
قاپاقنى قورۇپ پوستىنى قاينىتىپ، سۈيىنى ئايرىم ياكى گۈل يېغى بىلەن بۇرۇنغا تېمىتىپ بەرسە، بۇرۇن ۋە چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
چېچىكىدىن ئايرىلمىغان يېڭى چۈشكەن قاپاقنى خېمىرنىڭ ئارىسىغا ئېلىپ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇپ، سوۋۇغاندا سۈيىنى چىقىرىپ كۆزگە
تېمىتىپ بەرسە، يەرقاندىن پەيدا بولغان كۆزدىكى سېرىقلىقنى يوقىتىدۇ ۋە ئىسسىقتىن بولغان كۆز ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئەگەر قاپاقنىڭ سۈيىنى تەمرى ھىندى ۋە شېكەر بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، مېڭە قىزىقلىقى، ئىسسىقتىن بولغان باش
ئاغرىقى، ساراڭلىق ۋە ئاشقازاندىكى سېسىق گازلار تەسىرىدىن پەيدا بولغان كۆز ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام قاپاقنى پوستى ئېلىنغان ئارپا ياكى پوستى ئېلىنغان ماش بىلەن پىشۇرۇپ شورپا قىلىپ ئىچىپ بەرسە ياكى ئۇنى بادام يېغىدا پىشۇرۇپ
يېسە، ئىسسىقتىن بولغان كۆكرەك ئاغرىقى ۋە يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
خام قاپاقنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىپ، جىگەرنىڭ قىزىقلىقىنى پەسەيتىدۇ.
خام قاپاقنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ، ھەسەل ۋە بىر ئاز توغرىغۇ قوشۇپ ئىچىپ بەرسە، ئىچنى يۇمشىتىدۇ.
قاپاقنى ئېزىپ خېمىر قىلىپ، ئاشقازان، جىگەر ۋە بۆرەككە چېپىپ بەرسە، ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
قاپاقنىڭ قۇرۇق پوستىنى يۇمشاق ئېزىپ ئىچىپ بەرسە، بوۋاسىر ۋە ئۈچەي قاناش كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
قاپاقنى قىرغۇچ بىلەن قىرىپ قېتىق، قىچا، سامساق، قارىمۇچ، تۇز ۋە يالپۇز قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سوغۇق مىجەز كىشىلەرگە
مەنپەئەت قىلىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«قاباق» قا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى <بوت> كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. غولى يەر بېغىرلاپ، يوپۇرمىقى يۈرەك شەكلىدە نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ.
ئى. شۇ خىل ئۆسۈملۈك مېۋىسى.
ماي قاپىقى. سۇ قاپىقى. چىلىم قاپىقى. ناس قاپىقى.
سۈپ. شەكلى شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىگە ئوخشايدىغان؛ چوڭ، ئىچى كاۋاك ياكى ئىچى بوش بولغان.
قاپاق ئاپېلسىن. قاپاق ئامۇت. قاپاق لازا. قاپاق تېرەك. قاپاق جىگدە. قاپاق گىلاس.
سۈپ. كۆچمە. كاللىسى ئىشلىمەيدىغان، دۆت، كالۋا، ھاماقەت.
ئۇنىڭ كاللىسى تازا قاپاق ئىكەن - ددە، شۇنىمۇ ئاڭقىرالمىغىنىنى قارا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاناتومىيە
كۆز ئالمىسىنى ئوراپ تۇرىدىغان، گىرۋىكىدە كىرپىك بولغان ۋە ئېچىلىپ - يېپىلىپ تۇرىدىغان تېرە. كۆزنى ئاسراش رولىنى ئوينايدۇ.
بادام قاپاق. توڭ قاپاق. قاپىقى تارتماق. قاپىقى تۈرۈلمەك. قاپىقى يامان.