Uyghur主要词典
قان ئۇيۇش
بىئولوگىيە
<قان قېتىش> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېرىتمە كوللوئىد ھالەتتىن قېتىشما كوللوئىد ھالەتتىكى قان ئۇيۇملىرىغا ئايلىنىش ھادىسىسى. قان ئۇيۇش بىر قاتار مۇرەككەپ خىمىيىلىك ئۆزگىرىشلەردىن ئۆتىدۇ. بۇ جەريانغا قاتنىشىدىغان نۇرغۇنلىغان ماددىلر خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇلۇپ قان ئۇيۇش فاكتورى دەپ ئاتالغان. قان ئۇيۇشنىڭ تەپسىلىي جەريانى تېخى تولۇق ئايدىڭلاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي جەھەتتىن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئۈچ باسقۇچ ئىچىدىكى بىرىنچى باسقۇچى - ترومبوگېندىن ئاكتىپ ئېنزىم شەكىللەنگۈچە بولغان باسقۇچى مۇرەككەپرەك بولۇپ، ئۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەرمۇ كۆپرەك. نۆۋەتتە قارىلىشىچە، ئورگانىزمنىڭ قسىمەن قان تومۇر دىۋارى زىيانغا ئۇچرىسا ۋە توقۇلمىلار زەخىملەنسە قان ئۇيۇش فاكتورى چىقىرىلىپ، قان ئۇيۇشقا تەسىر قىلىش باشلانغاندىن كېيىن قان سۇيۇقلۇقىدا مەۋجۇت بولغان ئاكتىپچانلىقى يوق بىر قاتار قان ئۇيۇش فاكتورلىرى بەلگىلىك تەرتىپ بويىچە قوزغىتىلىپ ئاكتىپلاشتۇرۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتار كاتالىزاتورلۇق رېئاكسىيىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئەڭ ئاخىرىدا قان پلازمىسىدا ئېرىگەن فىبرىنوگېنلارنى فىبرىنغا ئايلاندۇرىدۇ، فىبرىنلار ئىنچىكە يىپسىمان بولۇپ، ئۆزئارا چىرمىشىپ تور شەكىللەندۈرۈپ قان ھۈجەيرىلىرىنى بەنت قىلىۋېلىپ قان ئۇيۇملىرىغا ئايلىنىدۇ. كېيىن قان كاللەكلىرى قويۇلۇپ قاتتىقلاپ سۈزۈك سۇيۇقلۇقى - قان زاردابىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. قان ئۇيۇش مېخانىزمىنى شەرھلەپ چىقىش، كلىنىكىدا قاناشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم قان ئۇيۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.