Uyghur主要词典
قانۇنغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتى
领域: دۇنيا تارىخى1946 - 1950 - يىللىرى سولومون تاقىم ئاراللىرىدىكى يەرلىك خەلقلەر قوزغىغان مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. ئۇنىڭ مەخپىي نامى <ماسىنا> (<قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى> مەنىسىدە) دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تاقىم ئارال ئىچىدىكى مالايتا ئارلىنىڭ نۇرغۇن يەرلىك ئاھالىلەر گۇادالكانال ئارىلىغا بېرىپ، ئامېرىكا قوشۇنى ئۈچۈن خىزمەت قىلغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئاق تەنلىكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى كەيپىياتى گۇادالكانال ئارىلىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان، مالايتا ئارىلىدىمۇ كۆپ قېتىملىق ئاممىۋى نامايىش بولغان. ھەرىكەت تاقىم ئاراللىرىدىكى باشقا ئاراللارغىمۇ كېڭەيگەن. مۇستەملىكىچى دائىرىلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ، يۈز نەپەردىن كۆپرەك مۇھىم ئەزاسى تۇتقۇن قىلىنغان، ھەرىكەتمۇ پەسىيىشكە باشلىغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。