Uyghur←Chinese主要词典
قانتېپەر
بىئولوگىيە
党叁
dǎngsān
قوڭغۇراقتىكەن ئائىلىسىگە كىرىدۇ، كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، يۆگىشىپ ئۆسىدىغان پېلەكلىك ئۆسۈملۈك. ئاق رەڭلىك سۈتى بولىدۇ. يىلتىزى سەۋزىگە ئوخشايدۇ، ئوتتۇرا قىسمىدىن شاخلىنىدۇ، غولى كۆپ شاخلىنىدۇ، تۈكچىلىرى بولمايدۇ. يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، يوپۇرماق ئالىقىنى تۇخۇم شەكىللىك ياكى تارتۇخۇم شەكىللىك، ئىككى يۈزىدە زىچ ياكى شالاڭ ئۆسكەن قىسقا ياتما تۈكچىلەر بولىدۇ. شېخىنىڭ ئۇچىدا 1 - 3 دانە گۈل ئۆسىدۇ. گۈل كاسا ياپراقچىسى تار چاسا يۇمىلاق ياكى چاسا يۇمىلاقسىمان تۆمۈنە شەكىللىك بولىدۇ. گۈلتاجى ئاچ سارغۇچ يېشىل رەڭلىك بولۇپ، سۆسۈن داغلار بولىدۇ، شەكلى كەڭ قوڭغۇراقسىمان بولىدۇ، بەشكە نېپىز يېرىلىدۇ؛ ئۇرۇقداننىڭ يېرىمى چىقىپ تۇرىدۇ. غوزا مېۋىسى ئۈچكە يېرىلىدۇ، گۈل كاسىسى ساقلىنىدۇ. شەرقىي شىمال، شىمالىي جۇڭگو ۋە غەربىي شىمالغا تارقىلىدۇ، چاۋشيەن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق رايونلىرىدىمۇ بولىدۇ. ئورمانلىقنىڭ ئەتراپى ياكى چاتقاللىقتىكى چىرىندى تۇپراقتا ئۆسىدۇ. يىلتىزى دورا قىلىنىدۇ، تالنى ياخشىلاش، يەلنى راۋانلاشتۇرۇش، خىلىتنى ئۆستۈرۈش رولى بار. ئاساسەن ئوتتۇرا يەل ئاجىزلىقى، تال ئاجىزلىقىدىن بولىدىغان ئىچ سۈرۈش، چىرايى سارغىيىش، بۇرۇن قاناش قاتارلىقلارغا شىپا بولىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,تېببىي
党参
dǎng shēnDئۆسۈملۈك
东党
dōng dǎngDئۆسۈملۈك
四叶参
sì yè cānDئۆسۈملۈك
台参
tái cānDئۆسۈملۈك
璐党
lù dǎng
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
党参
dǎng shēn
بۇ قوڭغۇراقگۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، قانتېپەرگە ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئېگىزلىكى 50 - 100 سانتىمېتىر كېلىدۇ، سېسىق پۇرايدۇ؛ يىلتىزى توم، شەكلى موكىغا ئوخشايدۇ، يۇقىرى ئۇچىدا ھالقىلىق
سىزىقلىرى بولىدۇ. كېسىلگەن يۈزى ئاق بولىدۇ. ئوق غولى كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يوپۇرمىقى ئۇدۇل ئۆسكەن ياكى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، سېپى قىسقا،
شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى كەڭ تېمىنەسىمان بولۇپ، يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماقلىرى تەدرىجىي كىچىكلەيدۇ؛ گۈلى شېخىنىڭ ئۇچىدىن ياكى
يۇقىرى قىسمىدىكى يوپۇرماق قولتۇقىدىن ئۆسۈپ چىقىدۇ، شەكلى قوڭغۇراقسىمان، رەڭگى ئاقۇش كۆك كېلىدۇ. غوزەك مېۋىسى ئۈچكە يېرىلىدۇ،
مېۋىسى پىشقاندا گۈل كاسسىسى چۈشۈپ كەتمەيدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزىنى كۈز پەسلىدە قېزىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ
تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاغ جىلغىلىرى ۋە تاغ
باغرىدىكى ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ.
ھۆل ئىسسىق.
تال ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، قاننى جانلاندۇرۇش، خىلىت ھاسىل قىلىش، ئۇسسۇزلۇقنى
بېسىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
30 گرام قانتېپەرنى 12 گرام بايناق، تۆت گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تال، ئاشقازان ئاجىزلىقى ۋە
ئىشتىھاسىزلىققا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
20 گرام قانتېپەرنى 35 گرام ئىشلەنگەن كەتىرا، 12 گرام ئاق چۇغلۇق، 20 گرام ئالقات، 12 گرام ئېشەك يېلىمى، تۆت گرام ئىشلەنگەن
چۈچۈكبۇيا، بەش تال چىلان بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام قانتېپەرنى تۆت گرام كۆمۈرلەنگەن بايناق، بەش گرام چۈچۈكبۇيا، سەككىز گرام كۆمۈرلەنگەن دولانا، 10 گرام ئارپا ئۈندۈرمىسى بىلەن
بىللە قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى ئىشتىھا تۇتۇلۇشقا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
dǎng shēn <zhí >
党参<植