Uyghur主要词典
قان تىپى
بىئولوگىيە
ئىنسانلارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ تەركىبىدە ئالاھىدە بولغان ئانتىگېنلىق ماددىلار بولۇپ، ئاگگليۇتىنوگېن دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى تەركىبىدىكى ئاگگليۇتىنوگېنلارنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ قان سۇيۇقلۇقىنى بىرقانچە خىلغا بولۇپ قان تىپى دەپ ئاتالغان. قان تىپى ئىنسانلار قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئىندىۋىدلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆمۈر بويى ئۆزگەرمەيدۇ ۋە نەسلىدىن نەسلىگە قالىدۇ. نۆۋەتتە ئون نەچچە خىل قان تىپى سىستېمىسى بارلىقى ئېنىقلاندى. كلىنىكىدا مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىرى ABO قان تىپى سىستېمىسى ۋە Rh قان تىپى سىستېمىسىدىن ئىبارەت. ABO قان تىپى B, A, O ۋە AB تىپى دەپ تۆت خىل ئاساسلىق قان تىپىغا بۆلۈنىدۇ. ئانتىگېنلار ئاگگليۇتىنوگېن A ۋە ئاگگليۇتىنوگېن B ئىككى خىل بولۇپ، قان تىپلىرى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى مۇشۇ ئاگگليۇتىنوگېنلار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە پەقەت ئاگگليۇتىنوگېن A بولغانلار A تىپلىق؛ پەقەت ئاگگليۇتىنوگېن B بولغانلار B تىپلىق؛ ئىككى خىل ئاگگليۇتىنوگېننىڭ ھەر ئىكىسى بولغانلار AB تىپلىق؛ ئىككى خىل ئاگگليۇتىنوگېننىڭ ئىككىلىسى يوقلار O تىپلىق بولىدۇ. قان زەردابى تەركىبىدىمۇ ماس بولغان ئانتېتلا خاراكتېرىدىكى ماددىلار بولۇپ، ئاگگليۇتىنىن (ئانتېتلا) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلارمۇ ئانتى A ئاگگليۇتىنىن (ئانتى A ) ۋە ئانتى B ئاگگليۇتىنىن (ئانتى B ) غا بۆلۈنىدۇ. A تىپلىق ئادەمنىڭ قان زەردابىدا ئانتى B بولىدۇ؛ B تىپلىق ئادەمنىڭ قان زەردابىدا ئانتى A بولىدۇ؛ O تىپلىق ئادەمنىڭ قان زەردابىدا ئانتى A ۋە ئانتى B نىڭ ھەرئىككىسى بولىدۇ؛ AB تىپلىق ئادەمنىڭ قان زەردابىدا ئىككى خىل ئاگگليۇتىنىننىڭ ھەر ئىككىلىسى بولمايدۇ. A تىپلىق (ياكى B تىپلىق) قان سۇيۇقلۇقى بىلەن تەركىبىدە ئانتى A (ياكى ئانتى B) لىق ئاگگليۇتىنىن بولغان قان زەردابى ئارىلاشتۇرۇلغاندا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇيۇپ كاللەكلىشىش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئاگگليۇتىناتسىيە (كاللەكلىشىش) دەپ ئاتىلىپ، ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا قان بېرىشتىن ئىلگىرى قان قوبۇل قىلغۇچى بىلەن قان بەرگۈچىنىڭ قان تىپلىرىنى تەكشۈرۈش ھەمدە بەدەن سىرتىدا گىرەلەشتۈرۈپ قان ماسلاشتۇرۇش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىپ ئاگگليۇتىناتسىيە رېئاكسىيىسى يۈز بەرمەسلىكى ھەقىقەتەن ئىسپاتلانغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئىشلىتىش كېرەك. تېز قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نائىلاج O تىپلىق قاننى ئىشلىتىش توغرا كەلگەندە، ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىش، قان بېرىش رېئاكسىيىسىگە قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم.