Uyghur主要词典
قان پلازمىسى
بىئولوگىيە
<قان شىرىسى> مۇ دېيىلىدۇ. قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ھۈجەيرىلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى سۇيۇقلۇق قىسمى بولۇپ، قان سۇيۇقلۇقى ئومۇمىي مىقدرىنىڭ تەخمىنەن 55 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ سۇس سېرىق، سەل ئىشقارلىق. سۇ مىقدارى 90 پىرسەنت بولۇپ، قالغان قىسمى قاتتىق (تۇراقلىق) تەركىبلەر. قاتتىق تەركىبلەردىن ئاساسلىقى گلوبۇلىن ئاليۇمېن، فىبرىنوگېن، گلوكوزا، ماي، ۋىتامىن، گورمون ھەم باشقا ئاقسىلغا كىرمەيدىغان ئازوتلۇق بىرىكمىلەر (مەسىلەن، ئۇرېيە، ئۇرىك كىسلاتا، كرېئاتىن، كىرىېئاتىنىن، ئامىنو كىسلاتاسى ۋە ئاممىياك قاتارلىقلار). مەلۇم كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ تەن سۇيۇقلۇقى يېتەرلىك بولمىغاندا، دوختۇرلار ئۇنىڭغا تولدۇرغۇچى سۈپىتىدە يالغۇز قان پىلازمىسىنىلا ئوكۇل قىلىپ سالىدۇ.