Uyghur←Chinese主要词典
قانداشلىق
دۇنيا تارىخى
胞族
bāo zú
<ئاكا - ئۇكىلىق مۇناسىۋەت> دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتە ئۇرۇق بىلەن قەبىلە ئوتتۇرىسىدىكى بىر دەرىجە تەشكىلاتقا توغرا كېلىدۇ. ئادەتتە بىر ئىپتىدائىي ئۇرۇق ھەمدە ئۇنىڭدىن بارلىققا كەلگەن. بىر قانچە ئۇرۇقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. ئۇ ئۆزئارا ئورتاق ئەجدادقا ئىگە بولغان بۇرادەر - قانداشلىق مۇناسىۋەتكە ئىگە. قەدىمكى گرېكلار، رىملىقلار (كورىيە دەپ ئاتىلىدۇ) ۋە يېقىنقى زاماندىكى شىمالىي ئامېرىكا ئىندىئانلىرىنىڭ كۆپلىگەن قەبىلىلىرىنىڭ ھەممىسىدە بار. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن دىنىي پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش، مەسىلەن: دىنىي مۇراسىملارنى باشقۇرۇش، قوۋمنى بىرلىك قىلىپ، قەبىلە مەسلىھەت يىغىنلىرىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش، ئاشكارا ماھارەت كۆرسىتىشكە، ئاممىۋى زىياپەت، مەشھۇر زاتلارنىڭ دەپنە مۇراسىملىرى ۋە ۋايىغا يەتكەنلەرنىڭ مۇراسىمىنى باشقۇرۇش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇرادەرلىك تەشكىلاتى بەزى چاغلاردا قوۋملەر ئارىسىدىكى جېدەل - ماجىرلارنى بىر تەرەپ قىلاتتى، ئۇرۇق ئاقساقاللىرىنىڭ سايلىمىنى تەستىقلايتتى. كۆپىنچە ھاللاردا ھەربىي تەشكىلاتلار بىلەن بىرىكىپ كېتەتتى. ھەربىر ئۇرۇق ئەزاسى ئۆزلىرىنىڭ قوۋم ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، قوۋم بايرىقىنى ئەزاسى ئۆزلىرىنىڭ قوۋم ئۇرۇشلىرىغا قاتنىشىپ، قوۋم بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقاتتى، ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلاتتى. لېكىن بۇرادەرلىك ئۇرۇق ۋە قەبىلە ئوتتۇرىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھالقا ئەمەس، شۇڭا ھەممىلا يەردە مەۋجۇت بولغانمۇ ئەمەس.
ئۇنىۋېرسال
血族
xuè zúDجامائەت خەۋپسىزلىكى
血亲
xuè qīnDئەدلىيە ئاتالغۇلىرى
血缘
xuè yuánDتېببىي
血亲
xuè qīnDتېببىي
血统
xuè tǒng
ئۇنىۋېرسال
(ئى)
xuè yuán ,xuè tǒng
血缘,血统